باياناتلارخەۋەرلەر

نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىغا چاقرىق

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 71- يىلىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە چاقرىق

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 71 – يىلىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى، شەرقىي تۈركىستان دوستلىرىنى، سەپداشلارنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئالاھىدە چاقرىق قىلىمىز.

1949-يىلى رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلدى. كېيىن ، 1955-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى  ئاتالمىش ​​«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئۆزگەرتتى. خىتاي ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان بۇ 71 يىللىق ئاسارەت جەرىيانىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم قىلىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى بەلكى بارغانسىرى چېكىدىن ئېشىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقىتا. خەلقىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرى دەپسەندە قىلىندى ، خىتاينىڭ زوراۋانلىق، ئاسسىمىلياتسىيە، ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2017 –يىلىدىن بۇيان بۇيان خەلقىمىز ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ، خىتاي ناتسىستلار جازا لاگېرلىرىغا 8 مىليون 600 ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مۇسۇلمان خەلق قامىغانلىقىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىپ دوكىلات ئېلان قىلدى.

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنى دەپدەپە قىلىپ بايرام قىلماقتا، خىتاي تەرىپىدىن بايرام دەپ قارالغان بۇ كۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان قايغۇ ۋە ماتەم كۈنىدۇر. بىز بۇ كۈندە خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىرادىمىزنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10:00 دا ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا جەم بولايلى، بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزنى نامايەن قىلايلى !!!.زالىم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ناھەق قامالغان 8 مىليون 600 مىڭدىن  ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مەھبۇسلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتايلى.

ۋاقتى: 2020-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پەيشەنبە

ئاخبارات ئېلان قىلىش: 10:00

ئورنى: Beyazit  مەيدانى

شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

بۇنىمۇ تەكشۈرۈڭ
Close
Back to top button
Close
Close