خەۋەرلەر

ئەنقەرەدە ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىكى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئەنقەرەنىڭ قىزىلجاھاممام دېگەن رايوندا ئېچىلدى.

يىغىنغا كانادا، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچى ئاكادېمىكلەر، دىنى ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار بولۇپ 110 كىشى قاتناشتى.

يىغىن ئەھلى زالدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماسكا تاقاپ ئارىلىق قويۇپ ئولتۇردى.

يىغىنغا يەنە 3-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» دېگەن تېمىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەلەپ-تەقەززاسىغا ماس ھالدا، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ھەمكارلىشىشتىكى پرىنسىپال نۇقتىلارنى ئېنىقلاش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاقىدار بەزى جىددىي قارارلارنى ئېلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغانىكەن.

يىغىندا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ياۋرۇپا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مېدىيانىڭ رولى قاتارلىق 12 تېمىدا مۇتەخىسىسلەر سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور گۆكچە ئوق ئەپەندى ئۇيغۇرلاردىن تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا (پۇقرالىقىغا) ئۆتكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن كىشىلەر كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلسا خىزمەتكە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە كەلمىگەنلىكىنى ۋە كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ شاھىت بولسۇنكى؛ ئۇ دەرۋازىدىن سىلەرگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ۋەكىللىرى قەدەم بېسىپ باقمىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەدەم باسالمايدۇ ئەمما تۈركيە چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىدا شۇڭا ھەرقانداق كىشى بىلەن كۆرىشىدۇ».

كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسى مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور گۆكچى ئوق ئايرودرومدا ۋە ياكى باشقا ھەر قانداق يەردە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلار بولسا ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىن توقۇنۇش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۇرسەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەم ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق قانۇن چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىر قانچە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسەتتى.

3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى. خۇلاسە دوكلاتى ۋە ھەمكارلىق خىتاپنامىسىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق خىتابنامىسىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا، تەشكىلات رەھبەرلىرى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە، پرىنسىپال مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش؛ پەرقلىق كۆز قاراش ۋە زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش قاتارلىقلار قارار قىلىندى».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتابنامىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلات ۋە مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا، قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش، يۇمشاق كۈچ، لوبىچىلىق قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە باشقىلارنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەربابلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن بۇ يىغىننىڭ تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

بۇنىمۇ تەكشۈرۈڭ
Close
Back to top button
Close
Close