خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71-يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن نامايىش ئېلىپ باردى

1-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71-يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار كۆتۈرگەن ھالدا بەيازىت مەيدانىغا جەم بولدى. نامايىشچىلار، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!»، دېگەندەك ھەر خىل شۇئارلار توۋلدى.

بەزى نامايشچىلار قوللىرىدا ۋەتەندىكى خىتاي لاگىرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىگەن كۆتۈرگەن بولۇپ رەسىملەرنىڭ ئاستىغا ئانام قەيەردە دادام قەيەردە؟ دېگەندەك سوئاللار يېزىلغان.

نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئاخبارات ئېلان قىلىش باياناتىنى ئوقۇدى.

ئۇ باياناتتا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 71  يىل ئىلگىرى يەنى 1949 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر كۈنى، دۇنياغا، ئىنسانىيەتكە، تىنچلىق ۋە شات – خۇراملىققا تەھدىت بولغان زالىم خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى ۋە بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى مۇڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان قارا ماتەم كۈنىدۇر. بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باش كاتىۋېشى فاشىست ماۋزېدۇڭ، قەدىمى تۈرك – ئىسلام زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن كوممۇنىست خىتايغا باغلانغانلىقىنى رەسمى ئېلان قىلدى ۋە بۇ تارىختىن 6 يىل كېيىن يەنى 1955 – يىلى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنى يەنى تۈرك ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ يالغۇز مۇستەقىللىقىنى تارتىۋېلىپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئەركىن ياشاش ھەق – ھوقۇقلىرىنى، تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە يەر – مۈلۈك جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىمۇ مەجبۇرى تارتىۋالدى ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورۇندى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە، خىتاي كوممۇىست ھاكىمىيىتىنىڭ كاتىبېشى شى جىنپىڭ، خىتاينىڭ 2050 – يىلىدا دۇنياغا جاھانگىر بولۇشتەك مەقسىتىنى، خىتاي چۈشى دېگەن ئۇقۇملار بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق،  خىتاينىڭ جاھانگىرلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنىڭ كۈچىيىۋاتىقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاي بۇ جاھانگىرلىق مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن غەربكە چىقالايدىغان بىردىن بىر چىقىش تۈگىنى بولغان ۋە يىپەك يولى پىلانىنىڭ ئۇمۇرتقۇسى بولغان 71 يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركسىتاندا بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، مىللىي، مەدەنىيەت، نوپۇس ۋە دىنى جەھەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسىلىلىرىمىزنى  ھەل قىلىشتا  چىڭ تۇرىمىز. بۇ جەھەتتە دۆلەت ئەمەلدارلىرى ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈش ، پىكىرلىىشىش ۋە نامايىشلار ئويۇشتۇرۇش، ، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چىقىش، ، ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق پۇقرالار دىپلوماتىيىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ۋە بارلىق قانۇنىي ھوقۇقىمىزدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەستايىدىل قەدەم تاشلايدىغانلىقىمىزنى بىلىشنى خالايمىز.خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېرورلۇقنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

ئاخىرىدا ، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكنىڭ دەرھال خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا چاقرىق قىلىمىز.

كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى رەئىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقان يوق قىلىش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم قىلىش قانۇنغا ئايلاندى. بۇ 71 يىل جەرىيانىدا زۇلۇم چېكىدىن ئېشىپ خەلقئارا ئۇقۇم بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بۇ 71 يىل جەرىيانىدا يۈز مىڭلىغان ئىنسان يوق قىلىندى. يۈز مىڭلارچە ھامىلە ئاياللىرىمىزنىڭ باللىرى چۈشۈرىۋېتىلدى.ئۆسمۈرلىرىمىزمۇ ئۆز قىممەت قاراشلىرى ۋە ئىتىقادىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن لاگىرلارغا قامالدى. سەككىز يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان لاگىرلار سەۋەبىدىن خىتا كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كاتىبېشى شى جىن پىڭغا بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەقلگە كەلمەيدىغان ھەر خىل ئىسكەنجىلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۈگۈنكى كۈنلەردە يالغۇز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زۇلۇم سالىدىغان زالىم بىر ھاكىمىيەتكە ئايلاندى.

دوكتۇر ئۆمەر تۈركىيەنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋېتلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ھازىرقى ھالىتى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى باشتا تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيە قاتارلىق پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىت ھالغا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن، كۆزىمىزنى ئاچايلى، ۋەزىيەتنى ياخشى ئانالىز قىلايلى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرىشىمىز كېرەك. نامايىش جەرىيانىدا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان خىتاي ئىشغالىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close