خەۋەرلەر

كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش تەلەپ قىلىندى

كانادادا قوزغالغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتى كانادا پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگەن. كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ گارنېت گېنىيۇس باشچىلىقىدىكى 9 نەپەر ئەزاسى 28-سېنتەبىر كانادا پارلامېنتىغا مۇراجىئەت سۇنۇپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇراجىئىتى ئاۋام پالاتاسىدا يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشسە، پارلامېنتنىڭ رەسمىي قارارىغا ئايلىنىدىكەن.

كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنىيۇس يۇقىرىقى مۇراجىئەتىنى 28-سېنتەبىر كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويغاندا سۆز قىلىپ: «ھازىر ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېگەن سۆزىمىزنى بەجا كەلتۈرۈشنىڭ ۋاقتى. كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جەمئىيەتلەر مۇراجىئەتنامە ئىمزالاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كەلدى. بۇ مۇراجىئەتنامە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە دەپسەندىچىلىككە ئىشتىراك قىلغانلارغا ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› ئىشلىتىشنى چاقىرىدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.

سكوت رېيىد مۇراجىئەتنامىنى قوللىغان كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ «ئېنىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سكوت رېيىد مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى 3 مىليون ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدۇر. رەئىس ئەپەندى، كانادادىكى ئەرزدارلار كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› نى ئىشلىتىپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭدا كىچىك دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇپلا قالماي، چوڭ دۆلەتلەرگىمۇ قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. چوڭ دۆلەت بولغانلىقى شىنجاڭدا ياكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ.»

كانادا پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار مۇراجىئەتنامىسىنى ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۈنى كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتاۋاغا يىغىلىپ، پارلامېنت بىناسى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۇزگەن. ئىنتايىن رەتلىك ۋە تەشكىللىك ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە مەلۇم چەكلىمە قويۇلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يۈزلىگەن كىشى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇراجىئەتنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى 30-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنىڭ مۇراجىئەت ھەققىدە كانادا پارلامېنتىغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بىز گارنېت ئەپەندىمنى قوللاش، كانادا پارلامېنتىنىڭ توپلانغان ئىمزالارغا جىددىي قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىش مەقسىتىدە بۇ نامايىشنى ئېلىپ باردۇق،» دېدى.

كانادا قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئېنىق بولۇپ، كانادادەك لىبېرال دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى ئېتىراپ قىلىشى بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى كانادادىكى «ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ سىياسەت ۋە پروگرامما دىرېكتورى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى براندون سىلۋېر 30-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىلدى.

براندون سىلۋەر مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىگە قارىتا سادىر قىلىۋاتقان جىنايىتى ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى قانۇن رامكىسىغا چۈشىدۇ. بۇنى ئېتىراپ قىلىش زۆرۈر. بۇنى قانداق بولسا شۇنداق نام بىلەن ئېتىراپ قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. بولۇپمۇ كانادادەك لىبېرال دېموكراتىك دۆلەتلەر يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا قانۇن بويىچە تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.»

ئادۋوكات براندون سىلۋېرنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا بۇ مەسىلىدە ئىككىلەنمەسلىكى، كۈچلۈك ۋە كەسكىن مەيداندا تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ كانادا ئىككىلەنگەنسېرى خىتاينىڭ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆكتەملىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. براندون سىلۋېر مۇنداق دەيدۇ: «كانادا ئېنىق ۋە كەسكىن سۆز قىلىپ، بۇ مەسىلىدە كۈچلۈك مەيدانىنى ئىپادىلىشى كېرەك. ئۇ بۇرۇنقىدەك ئۆزىنى مەغلۇبىيەتچى، قورقۇنچاق كۆرسەتمەسلىكى لازىم. ئۆچ ئېلىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ، ياخشىچاق بولۇش كانادانى تېخىمۇ بوزەك قىلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ.»

ئۇ يەنە نۇرغۇن كانادا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئەگەر كانادا ھازىرقى سىياسىتىدە داۋاملىق ماڭسا خىتاينىڭ ئۆكتەملىكى تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدەك جىددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە قەتئىي مەيداندا تۇرۇشىمىز، ئېنىق سوئال قويۇشىمىز كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يامان تەسىرى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. بىز كانادا سۈكۈت قىلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆردۇق.»

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنت قانۇن چىقىرالمىسىمۇ، ھېچبولمىسا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «كانادا بۇنى قىلالىسا، كاناداغا ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا خىتاينىڭ ھازىرقىدەك يۈرەكلىك ھالدا يەنە لاگېرنى كۆپەيتىمەن، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىمەن، گېپىڭ بارمۇ دېگەندەك تەلۋىلىكىدە ۋە قانخورلۇقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارايمەن،» دېدى.

بۇ كانادا پارلامېنتىنىڭ 1-قېتىم بۇ خىل مەسىلىگە دۇچ كېلىشى ئەمەس. ئۇ ئىلگىرى باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە قانۇن ياكى قاراپ ماقۇللاپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان. كانادا پارلامېنتى 2018-يىلى بىرمادىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان. لېكىن بۇ قېتىم كانادا پارلامېنتتىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ مۇراجىتىگە ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال پارتىيەسىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لىبېرال پارتىيەسى ئىزچىل خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش تەراپدارى بولۇپ، خىتاينى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تەنقىدلەپ كەلگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close