خەۋەرلەر

دوكتور ئۆمەر قۇل: شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئازادلىققا ئىنتىلىدىغان، ئاسارەتنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر مىللەت

دوكتور ئۆمەر قۇل: شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئازادلىققا ئىنتىلىدىغان، ئاسارەتنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

 

ئۇ يەنە، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم پەلەستىندىكى زۇلۇمدىن 10 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى خىتاينىڭ ئەمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ھەر قانداق بىر ۋىجدانلىق ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تۇراندىكى بىچارە ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» دېگەن يىغىندا سۆز قىلغان، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ بۆلۈم ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى،شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ بىرلا مەسىلىسى ئەمەس، خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسى، ئىچكى موڭغۇل مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلىرى بار، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى. 1949-يىلى خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەيۋەننى مەركەز قىلغان ھالدا ھاكىمىيىتىنى قوغداپ كەلمەكتە ۋە پۈتۈن خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي مەسىلە كۆرۈلگەن بىر دۆلەت.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ غەربكە چىقىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن بېرىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىلكىدىن چىقىپ كەتسە، خىتاي ماراككو دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، ماراككو بوغۇزى 850 كىلومېتىرلىق بىر بوغۇزى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىلكىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە خىتاي غەربكە چىقىش ئۈچۈن بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ بوغۇز مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر جۇغراپىيە ۋە بەك ئۇزاق بىر دېڭىز يولى، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك.

شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى خىتاينىڭ ئەمەسلىكىنى تارىخى پاكىتلار ئىسپاتلايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: خىتايلار شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئۆزلىرىنىڭ قەدىمى يۇرتلىرىدىن بىرى دەپ داۋا قىلىدۇ، ئەمما بىز تارىخچىلار شۇنى بىلىمىزكى، خىتاينىڭ قەدىمى يۇرتلىرى سەددىچىن سېپىلنىڭ ئىچىدىكى رايونلارنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەنادا بۈگۈنكى كۈندە سەددىچىن سېپىلى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيە چېگراسىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان. ئۇلارنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى سەددىچىن سېپىلى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز. شەرقىي تۈركىستان زېمىنى خىتاينىڭ ئەمەسلىكىنى يەنە بىر ئىسپاتى، 1863-يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئازادلىق ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتبەدەۋلەتنىڭ باشچىلىقىدا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇش بىلەن نەتىجىلەنگەن. ئەمما خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى، ھىيلە-نەيرەڭلىرى بىلەن بۇ ھاكىمىيەت يەنە ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان، خىتايلار 1884-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي پارلامېنتنىڭ قارار ئېلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ 19-ئۆلكىسى دەپ ئېلان قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى «شىنجاڭ» دېگەن نامغا ئۆزگەرتكەن، «شىنجاڭ» دېگەن «يېڭى قولغا كەلتۈرۈلگەن زېمىن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇمۇ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ خىتايلارنىڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ھازىر خىتايلار بۇ ئىسىمنى قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ خىتايلار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بىز خىتايلاردىن شۇنى سورىشىمىز كېرەككى، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان راستىنىلا سىلەرنىڭ قەدىمى زېمىنىڭلار بولسا، نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ دەپ ئىسىم قويدۇڭلار؟ دېمەك خىتايلار ئۆز-ئۆزىنى يالغانچى كۆرسىتىۋاتىدۇ!

شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم پەلەستىندىكى زۇلۇمدىن 10 ھەسسە ئارتۇق

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم پەلەستىندىكى زۇلۇمدىن 10 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: پەلەستىندە زۇلۇم بار، قەتلىئام بار، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم پەلەستىندىكى زۇلۇمدىن 10 ھەسسە ئارتۇق. پەلەستىنگە ئالاقىدار بىر يىغىن ئېچىلغان ھامان نەچچە مىڭ ئىنسان خەۋەر تاپىدۇ، ئاخباراتچىلار، يۈزلىگەن رادىئو-تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن خەۋەر تارقىتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن دۇنيا جامائىتىگە يېتەرلىك ئاڭلىتالمايۋاتىمىز. تۈركىيىدىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچ قانداق بىر پائالىيەت قىلالمايۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ 100 دىن بىرىنىمۇ قىلمايۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستاندىن چىققانلار بىر شەكىلدە ھۆر دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا غەيرەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقانلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زۇلۇم ۋە بېسىملارغا ئۇچرىغان ئىدى. 1949-يىلدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستلارنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا قەتلى قىلىندى

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئازادلىققا ئىنتىلىدىغان، ئازادلىقنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاسارەت ئاستىدا قېلىشنى خالىمايدىغان بىر مىللەت. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختىن بۇيان ئازادلىق ھەرىكىتى قىلىپ كەلدى. يېقىن تارىخقا قارايدىغان بولساق، 1990-يىلى، 1997-يىلى، 2000-يىلى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا 2009-يىلى خىتاينىڭ ھەقسىزلىقلىرىغا قارشى كۈرەش قىلدى. «ھەقسىزلىققا قارشى سۈكۈتتە قالغان ئىنسانلار تىلسىز شەيتان» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە قوزغالدى، نەتىجىدە نەچچە مىڭلىغان ئىنسان قەتلى قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋىجدانى مەجبۇرىيەت

دوكتور ئۆمەر قول سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەر قانداق بىر ۋىجدانلىق ئىنسان ئۈچۈن بوينىدىكى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: مەن ئىنسانلاردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆگىنەيلى ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتايلى، ئائىلىمىزدىن باشلاپ يېقىنلىرىمىزغا، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتايلى،بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلار دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بولسىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشى چىقمىدى. مەن ھەقىقەت بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈرەش قىلىشقا ئەقىدە باغلىغان بىر ئىنسانمەن، ۋىجدانى بار ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش بوينىمىزدىكى مەجبۇرىيەت دەپ ئويلايمەن.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close