باياناتلارخەۋەرلەر

ئۈچ نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاقىۋېتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

ئۈچ نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاقىۋېتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز  

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2015 – يىلى ھىندونوزىيەدە تۇتۇلۇپ 6 يىللىق تۈرمىگە قامالغان ئەخمەت مەخمۇت، ئابدۇلباسىت تۇزەر،  ئابدۇللاھ بايرام ئىسىملىك 3 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ يېقىندا جازا مۇددىتى توشقان بولۇپ، ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىراق، بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان بېنەر خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېنىق مەنبە كۆرسەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋە باشقا مەنبەلەردە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە  ئۇ قېرىنداشلىرىمىز  راستىنلا خىتايغا قايتۇرۇلدىمۇ ياكى ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەۋاتىمىز. ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەستىن سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ئىمكانلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇ قېرىنداشلارنى قۇتۇلدۇرۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر، دۇنيانىڭ قەيەرىدە بىر شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىندىشىمىز پالاكەتكە، ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدىكەن، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش بىزنىڭ ئىمانىي، ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىمىز دەپ قارايمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زالىم خىتاينىڭ پەنچىسىگە  ۋە قاراڭغۇ زىندانلىرىغا چۈشۈپ كېتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى ئازابلايدىغان، يۈرەك – باغرىنى ئېچىشتۇرىدىغان بۇنداق بىر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆرۈشۈلدى. مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئارقىلىق بۇ بىرلىككە ئەزا بولغان ھىندونوزىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئالاقە قىلىندى. مالايسىيەنىڭ ئابىم، ۋەدەھ نامدىكى تەسىرى كۈچلۈك تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەنمۇ بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ، ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىش تەكىتلەندى. بىز يەنە بۇ ھەقتە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەھۋالنى كۆزىتىۋاتىمىز. ھىندونوزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشقا تىرىشىۋاتىمىز. تىرىشچانلىق بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن. بىز ئۇ قېرىنداشلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىدى دېگەن ئۈمىد بىلەن  قېرىنداشلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىمىز.

خىتاي زالىم، دىكتاتور بىر دۆلەت، بۇ دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ، ئىنسانلارغا ھەر خىل ئىسكەنجە قىلىش بىلەن مەشھۇر بولغان تېررور دۆلىتى بولۇپ، ھىندونوزىيەنىڭ  ئۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، 1948 – يىلى ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە ھىندونوزىيەمۇ ئىمزا قويغان كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ھىندونوزىيەنىڭ جىنايەت سادىر قىلماستىن، ئۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەي، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە، يەنى تۈركىيەگە ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ھىندونوزىيەنىڭ ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى دەرھال قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button