باياناتلارخەۋەرلەر

12 – نويابىر تور يىغىنىغا تەكلىپ

12 – نويابىر  تور يىغىنىغا تەكلىپ

12- نويابىر كۈنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھۆرلۈككە ئېرىشىپ مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان مۇبارەك كۈندۇر. 1933 – يىلى 12- نويابىر قەشقەردە، 1944 – يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا  شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلىكىنى ۋە  مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلدى. ئازادلىق مۇجادىلىمىزنىڭ ئاساسىي بۇلغان بۇ مۇقەددەس تارىخىمىزنى خاتىرلەش، كەلگۈسىمىزنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان ياشلارغا بىلدۈرۈش، ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەر يىلى بۇ مۇبارەك كۈننى چوڭ يىغىنلارنى ئويۇشتۇرۇپ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. بۇ يىل ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا يامراپ كېتىشى سەۋەبىدىن، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ۋىدىئولۇق تور يىغىنى ئېچىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى بۇ تور يىغىنغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىمىز.

12 – نويابىر كۈنى يەنە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بالكونلىرىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىشقا ۋە شۇنداقلا، ئىنتېرنېت ئىجتىمائى تاراتقۇلىرىدىكى ھېسابلىرىدا كۆك بايراق چىقىرىشقا چاقرىق قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

يىغىن ئېچىلىش ۋاقتى: 2020 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى

سائەت: 19:00 يۈتۇبى ئارقىلىق نەخ مەيداندىن تارقىتىلىدۇ

12 – نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىىنى خاتىرلەش يىغىنى
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button