خەۋەرلەر

يۈسۈپجان ئەمەتنى ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغان ئىككى جىنايەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى

ئىستانبۇل ئاۋجىلاردا يۈسۈپجان ئەمەتنى ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغان ئىككى جىنايەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى

جىنايەتچى 29 ياش ئىسمى ئالىيوۋ ت بولۇپ ئەزەربەيجانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئاندولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان 26 – نويابىر كۈنى تارقاتقان خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل ئاۋجىلاردا يۈسۈپجان ئەمەتنى ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغان ئىككى كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ساقچى ئىدارىسى بىخەتەرلىكنى ساقلاش شۆبىسىنىڭ جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتى،  2-نويابىر كېچىدە ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدا يۈسۈپجان ئەمەتنى  ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىنى  ساقچىلار  ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 11 – نويابىر كۈنى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونى جەننەت مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيدىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچىلار جىنايەتچى يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۆيگە بېسىپ كىرىپ جىنايەتچىنى يەرگە ياتقۇزۇپ قولىغا كويزا سالغان ۋاقىتتا تارتىلغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەر ئانادولىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە جىنايەتچى 29 ياش ئىسمى ئالىيوۋ ت.  بولۇپ ئەزەربەيجانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى ئۆمەر بولۇپ بەزى خەۋەرلەردە ئۆزبېكىستانلىق بەزى خەۋەرلەردە خىتاي پۇقراسى دېيىلگەن.

جىنايەتچى ساقچىلارغا بەرگەن ئىپادىسىدە يۈسۈپجان ئەمەت بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئېلىم بىرىم مۇئامىلىسى بارلىقىنى شۇ سەۋەپتىن ئوق بىلەن ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق بەزى ئانالىزچىلار، ئەزەربەيجانلىق بىرسىنىڭ بىر ئۇيغۇرنى شەخسى ئىقتىسادى ئېلىم بېرىم بار دەپ دەپ ئېتىشى يەنە بىرسىنىڭ ئۇنى ۋىدىئوغا ئېلىشى ئۇ ۋىدىئونى ئىسپات قىلىپ بىر يەرگە بۇنى بىلدۈرگۈدەك پىلانلىق، پروگراممىلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ساقچى ئىدارىسىدىن ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتچى ئالىيوۋنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە تۈرمىگە قاملىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن يۈسۈپجانغا ئوق ئاتقان ۋاقىتتا سىنئالغۇغا ئالغان ئۆمەر ئى ئىسىملىك 20 ياشلىق بىرسىمۇ 20 – نويابىر كۈنى تۇتۇلغان بولۇپ، ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆمەر ئى تۇتقۇن قىلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.خەۋەردە ئۆمەر ئى ئىسىملىك شەخسنى خىتاي پۇقراسى دېيىلگەن.

قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئېغىر يارىلانغان يۈسۈپجان ئەمەت ھازىر ئىستانبۇل باكىركۆي سەئىدى كونۇك دۆلەت دوختۇرخانىسىدا داۋالنىۋاتىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close