10 – دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ھەقىقەت

10 – دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ھەقىقەت
ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھۆر – ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا دەخلى – تەرۇز قىلىش ھەققى يوقتۇر. بىراق، ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست زالىم ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 71 يىلدىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە. قىممەت قاراشلىرىمىزغا، ماددىي – مەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىرىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە شۇنىڭدەك ھەر ساھەدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا.
بولۇپمۇ 2017 – يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈپتىن يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل قەبىھ ، رەزىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە.نۇرغۇنلىغان جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ نەچچە مىليون بىگۇناھ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ئۇ لاگىرلارغا قاماپ ھەر تۈرلۈك قىيىن قىستاق بىلەن ئىسكەنجە قىلماقتا. ھېچ قانداق ئاساسىي يۇق قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ ئاللىبۇرۇن بەربات بولغان كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى قىلغان دىنسىز خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىدېئولوگىيە جېڭى قىلىپ كەلدى ۋە بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولغان خىتاي ئەمدى خەلقنى مەجبۇرىي ھالدا مىللىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئىتىقادى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ۋە خىتايلاشتۇرۇش مەقستىدە
ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش مەركىزى نامىدا جازا لاگىرى قۇرۇپ، نەچچە مىليونلىغان بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگىرلارغا قامىدى، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە مىڭ تۈرلۈك قىيىن – قىستاق ۋە ئىسكەنجىگە ئېلىپ، خەلقىمىزگە ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئورۇنىۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش يولىدا دىكتاتور خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا، زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن بىر قانچە تۈرلۈك ساھەلەردە كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىپ جىنايەت ئىشلىمەكتە ئۇلار تۆۋەندىكىچە: زېمىننى ئىشغال قىلىۋېلىش. ئۆلتۈرۈش. ئىجتىمائى يوق قىلىش. قۇل قىلىپ ئىشلىتىش. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش. سۈرگۈن قىلىش ۋە ياكى مەجبۇرىي يۆتكەش. خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىپ خالىغانچە تۈرمىگە قاماش. ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش. قىيىن – قىستاق ۋە ئىسكەنجە قىلىش. باسقۇنچىلىق. ئەخلاقسىزلىققا مەجبۇرلاش. توغۇت چەكلەش. تۇققانچىلىق نام ئاستىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش. جىسمانىي ئورگان ئەزالىرىنى ئوغۇرلاش. ئىز دىرەكسىز يوق قىلىۋىتىش. چەتكە قېقىش، ئايرىمچىلىق دېگەنگە ئوخشاش زۇلۇم، ئاسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركسىتاندا ئىجرا قىلىنماقتا. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك.
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقىغا شىددەت بىلەن قارشى تۇرىمىز ۋە قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى دەپ جار سېلىۋاتقان پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، خىتاي زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى