خەۋەرلەر

تارىختا قۇرۇلغان «ئىككى جۇمھۇرىيەت»نى خاتىرلەش ۋە «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تارىختا قۇرۇلغان «ئىككى جۇمھۇرىيەت»نى خاتىرلەش ۋە «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

7-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنسىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن  تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئەسەرنى كەڭ خەلققە ئېچىۋېتىلگەن تونۇشتۇرۇش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئالدى بىلەن تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىيجان تۇرسۇن سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى ناملىق 12 توملۇق تارىخ ئەسەرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئالدى بىلەن بۇ كىتابنى يېزىش جەرىيانى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزىنىڭ 30 يىللىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ تارىخ ئەسەرنى يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر نەبىجان ئەپەندى بۇ كىتابنى يېزىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ موسكۇۋادا 1990 – يىلى بىلىم ئاشۇرۇش جەرىيانىدا يېزىشنى ئويلىغانلىقىنى ۋە ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئۇيغۇر تارىخىغا نەزەر سالغان، تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركسىتان تارىخى» دېگەندەك كىتابلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە پارچە كىتابتىن سىرت ، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئىجتىمائى، ئىقتىسادى، سىياسى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئومۇمىي ھەر ساھەنى يورىتىپ بېرىدىغان زور ھەجىملىك ئومۇمىي تارىخنىڭ 200 يىلدىن بۇيان يېزىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمىي تارىخنى يېزىپ چىققانلىقىنى ۋە پۈتتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر نەبىيجان تۇرسۇننىڭ ، «ئۇيغۇرلار ئومۇمىي تارىخي» نامدىكى بۇ ئەسەر 12 توملۇق بولۇپ، بۇنىڭ 5 تومى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ئىچىدىكى  «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»نى نەشىر قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تارىخ كىتابنىڭ 5 تومى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»  نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دوكتۇر نەبىيجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 5 توملۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» دېگەن 12 توملۇق كىتابنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. بۇ بەش تومدا، 1943 – يىلىدىن 1950 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاۋىي ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەم خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئائىت پۈتكۈل جەرىيانلار ۋە  بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي، سودا – ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا بارلىق دۆلەتچىلىك ئۆزگۈچىلىكلىرى ئورىگنال ھۆججەتلەر، ۋە ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرمەنبەلىرى، بولۇپمۇ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ ساندىكى ئىلگىرى مۇتلەق مەخپى تۇتۇلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن ئارخىپلىرى، شۇنىڭدەك ھازىرغىچە دۇنيادا ئېلان قىلىنغان رۇسچە، ئىنگىلىزچە، خىتايچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىكى ھەر خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئاساسىدا تەپسىلى يۇرىتىلىغان بولۇپ، مەزكۇر 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنە شۇ مۇرەككەپ، سانلىق ۋە پاجىئەلىك سىياسىي قىسمەتلىرىنى جۈملىدىن ئۆز مۇستەقىل دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تولۇق چۈشىنىشى، بىلىشى ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close