ئىستانبۇلدا تارىختا ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش تور يىغىنى ئېچىلدى

تارىختا ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش تور يىغىنى ئېچىلدى
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 12 – نويابىر كۈنى كەچتە ، 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 87 – يىلى ۋە 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 76 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن خاتىرلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ يۇتۇبى سەھىپىسى ئارقىلىق نەخ مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى. يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ سۆزىدە ، شەرقىي تۈركسىتان جۇھمۇرىيتىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىرىنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچلىنىۋاتىقانلىقىنى، مۇستەقىللىققا بولغان تەشنالىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىن جەرىيانىدا ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ، تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەپ ھەر خىل نۇمۇر كۆرسەتتى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ 12 – نويابىر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تارىخقا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆزىدە، تارىختا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەرنى خاتىرلەش ۋە ئۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇشتا كۈچ چىقارغان پىداكار كىشىلەرنى ئەسلەش ۋە ھۆرمەتلەش بىلەن بىرگە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىپ كېتىش سەۋەبلىرىدىن دەرس چىقىرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «بىر مىللەت بىر خەلق بىرلىكتە ياشاشنى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى بىلمىگەن ۋاقىتتا ، بىر – بىرىگە رەقىب بولغان ۋاقىتتا دۆلەت قۇرغىلى بولمايدىكەن ۋە قۇرۇلغان دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدىكەن بۇ يەكۈننى بىز بىلەلەيىمىز».
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، « تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت، ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن» دېگەن تېمىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىم مۇستەقىل قۇرغام يەنە ھاكىمىيەتنىڭ قولدىن كەتكەنلىك تارىخى جەرىيانلىرىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان ۋەياكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، دۇنيانى شەرقىي ۋە غەربىي دەپ ئىككىگە بۆلىۋاتىدۇ، بۇنداق بىر پەيتتە، سىياسىي، دىپلوماتىيە قاتارلىق ھەر ساھەدە يۇقىرى سەۋىيەدە تالانتلىق، سەرخىل شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا ئېھتىياجىمىز بار، دېدى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى رەئىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل، «1944 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ۋە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ۋەزىيتى» دېگەن تېمىدا، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى» دېگەن تېمىدا، سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى، خەلقنىڭ خىتايغا قەتىئىي قۇل بولمايدىغانلىقى، خىتاي قانداق قىلىشتىن قەتئىنەزەر شەرقىي تۈركسىتان دۆلىتىنى قۇرۇش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بىر ئامانەتنى بىر بىشارەتنى بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى، دېدى.
سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، «1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە ئاساسىي قانۇنى» دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرددىن ئىزباسار، «شەرقىي تۈركىستان تارىخىي ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماھىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆ ز قىلدى.
جەمئىيەت رەھبەرلىرى، زىيالىي تەتقىقاتچىلار بولۇپ 11 كىشى سۆز قىلغان بۇ يىغىن تۆت سائەت داۋام قىلدى.