خەۋەرلەر

جەمئىيىتىمىز رەئىسى، تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى

8- يانۋار جۈمە كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بۈگۈن ئىستانبۇلدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى ھۆرمەتلىك مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيە – خىتاي ئارىسىدىكى ”جىنايەتچىلەر“نى قايتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى، بۇ كېلىشىمنامىنىڭ مەيلى سىياسىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى روھىي جەھەتتىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۈيۈك مىللەت مەجلىس رەئىسى ھۆرمەتلىك مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىمدىن مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئاۋازغا قويۇلماسلىقى ياكى توختىتىپ قويۇلۇشى جىددىي تەلەپ قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خاتىرجەم قىلىش، ئۇلار ئۈستىدىكى روھىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنى ئازايتىش، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا شەرتسىز ئىستىسنائىي نوپۇس بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە بۈيۈك مىللەت مەجلىس رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان قەتلىئام ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دوكلاتى» سۇنۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىغا ئىگە تۇرۇقلۇق، خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى توپلاما لاگېلىرىدا يېتىۋاتقان ئەر – ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتقۇزۇلۇپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى تەلەپ قىلىندى ھەمدە تايلاند، ھىندونېزىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرىۋاتقانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىنىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى ھۆرمەتلىك مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى ھەيئىتىمىزنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى، ئالغان قەدەملىرىنى ۋە سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، كېلىشىمنامىنىڭ رەت قىلىنىشى، شەرتسىز نوپۇس ھەققىنىڭ بېرىلىشى ۋە خەتەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن تۈركىيە – خىتاي ئارىسىدىكى كېلىشىمنامىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بىر قانچە ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە يېڭىلىقلار ھەققىدە خەلقىمىزگە مەلۇمات بېرىلىدۇ . خەلقىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى قوللىشىنى، ھەرىكەتلىرىمىزدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close