باياناتلار

خەلقىمىزگە ئۇقتۇرۇش

خەلقىمىزگە ئۇقتۇرۇش
18-يانۋار كۈنى كەچتە تۈركىيە تىرۇرچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇتۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تۈركىيە ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 3 شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز قولغا ئېلىنغان ۋە 21-يانۋار كۈنى يەنە بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز كۈندۈزى ۋاقىتتا ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ۋەقە يۈز بىرىپ، خەۋەر تاپقان پەيتنىڭ ئۆزىدىلا، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تۈركىيە ساقچى ئىدارىسى، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئادۋوكاتلار ۋە قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، مەزكۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش، بۇ تۈر قولغا ئېلىنىشلارنىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي، سىياسىي، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئىدارىي جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. 18-يانۋار كۈنى تۇتۇلغان ئامىنە بەكىر ھەمشىرىمىز ئېمىتىدىغان بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە شەرتلىك قويۇۋېتىلدى . قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەكشۈرۈشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئادالەتسىزلىك، نامۇۋاپىق مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقى، خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئادۋوكات تۇتۇلدى ۋە جىددىي دىپلوماتىيە ئۇچرىشىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا قارابۆكتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق 8 قازاق قېرىندىشىمىزنىڭ ئىقامەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش جىددىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ۋە باشقا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق تەرەققىياتلارنى كۆزىتىۋاتىمىز ۋە بۇنىڭغا قارىتا تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. بارلىق ھەرىكەتلىرىمىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرىغا ئەزا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ۋە مەسلىھەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
بۇ ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى، نەتىجىسى ۋە يۆلىنىشى ھەققىدە ھۆكۈم قىلىش ھازىر بالدۇر بولسىمۇ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى ، تۇتۇلۇش جەريانىدا ۋە تۇتۇلغاندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپ مۇئامىلەلەرگە ئۇچرىشىنى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىنى قىزىل سىزىقى دەپ بىلىدۇ. بۇ ۋەقە جەريانىدىكى ۋە ئىلگىرىكى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا بۇ ئىرادىمىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە شەخسىلەرگە يەتكۈزدۇق. ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىمىز.
شەرقىي تۈركىستان مەنپەئەتى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋاز كېچىلمەيدىغان پىرىنسىپىمىزدۇر. خەلقىمىزنىڭ بىزنى قوللىشىنى، ئىلمىي تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بىلەن خىزمەتلىرىمىزگە ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كاتىباتلىقى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button