نامايىشقا چاقىرىق

شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇزۇندىن بېرى تاراتقۇ ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 25-مارت تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارىتا قارشىلىقىمىزنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە، ئىستانبۇلدا تۈركىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەكلىپ قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا، ئەنقەرەدىمۇ تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭلا قاتنىشىشى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
نامايىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بارلىق خەلقىمىزنى نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز.
نامايىش ئورىنى: ئىستانبۇل-بەيازىت مەيدانى
نامايىش ۋاقتى: 25-مارت (پەيشەنبە)، سائەت: 10:00
پائالىيەت سائەت 10 دا باشلىنىدىغان بولۇپ، 11دا ئاخبارات ئېلان قىلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
