خەۋەرلەر

2012-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلانغانلار بارغانچە كۆپەيگەن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى چەكلەش نامىدا دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىپ ھەددىدىن ئاشماقتا.

سۈرەتتە : دىننى تەھدىت دەپ قارايدىغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەشقەر بىر جامىنىڭ چېقىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركسىتاندا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش نامىدا دىنىي ئېتىقاد ۋە نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

ئىشغالچى خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان تەتۇر تەشۋىقات ئورگانلىرىمۇ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋاردىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 45 مىليون قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇنسىز دىنىي كىتاب، دىنىي ئۈن-سىن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن شەھىرىدىن قانۇنسىز دىنىي نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى نەقىل ئېلىنغان.

ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تورىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر 9-دېكابىر كۈنى 7 نەپەر تۇڭگاننى« خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىپ، قانۇننى بۇزغان »، « قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان » دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ،3 يىلدىن 4 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close