باياناتلارخەۋەرلەر

«چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» : ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى

1-ئاپرىلدىكى «دۇنيا ئالداش بايرىمى» كۈنىدە ئىستانبۇلدا «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق: شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانى قاتارلىق 34 ئورۇندا ۋە تۈركىيەنىڭ 81 شەھىرىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئادۋوكات ئۇغۇر يىلدىرىم ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» گە ۋاكالەتەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا 10 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ: «سىلەرنىڭ باللىرىڭلار يوقمۇ؟ تۆت يىلدىن بۇيان دادامنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى كۆرەلمىدىم» دەپ ۋارقىرىغان سۆزلىرىنى خاتىرلىتىپ ئۆتتى. ئۇ ئېغىزىدىن تېخى ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان بىر ئۆسمۈرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بۇ پاجىئەلەرگە ھېچ كىمنىڭ چۈشەنچە بېرەلمەيدىغانلىقىنى، يېقىنقى 9 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇنداق ئېغىر بىر پاجىئەلەرنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىندى.

ئۇغۇر يىلدىرىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى شەرتسىز ھالدا پۈتۈنلەي تاقىلىشى كېرەك. ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. ب د ت خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن دەرھال ئۈنۈملۈك بىر قەدەم بېسىشى كېرەك. دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياكى ئىسلام دۆلەتلىرىنى بۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى ياكى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى پوزىتىيىسى خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇ زۇلۇمنىڭ خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن باش رول ئوينىشى كېرەك. خىتاي بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بەرمىگۈچە، پۈتكۈل دۇنيا جامائىتى خىتاي ماللىرىغا بايقۇت ئېلان قېلىشى كېرەك.»

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار لاگېرلاردا قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتسا، كومۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرى يالغانچىلىق قىلىپ، بۇ لاگېرلاردا ‹ئاشقۇنلۇققا گىرىپتار بولغان› ئىنسانلارغا تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىۋاتىدۇ. ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنى تەربىيەسىز ۋە مەدەنىيەتسىز دەپ كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھاقارەت قىلىۋاتىدۇ.»

بۇلەنت يىلدىرىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 1-ئاپرىل خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا تۆت يىل بولغان كۈندۇر. ئىنسانلار 1-ئاپرىل كۈنىنى ‹ئالداش بايرىمى› دەپ قارايدۇ ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئالداپ چاقچاقلىشىدۇ. ئەمما بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر چاقچاق ئەمەس، ئۇ يەردە قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن پۈتكۈل دۇنياغا شۇنى خىتاپ قىلىمەنكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى سىستېمىلىق شەكىلدە ھەر خىل قىيىن-قىستاقلار بىلەن يوق قىلىنىۋاتسا، دۇنيا بىخارامان ھالدا ئۇخلىماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ تۈركىيە خەلقى بىخارامان ئۇخلىماسلىقى كېرەك. بۈگۈن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ۋە تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. خەلئارادا مۇشۇنچىۋالا نارازىلىق پائالىيەتلىرى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي تۇرۇۋالسا، بۇنىڭدىنمۇ چوڭ يۈرۈشلەر ۋە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئەگەردە ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرسا، كوچىلار ھەرىكەتلەنسە، خىتاينىڭ ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› پىلانىغا قاتتىق زەربە بەرگىلى بولىدۇ.»

بۇلەنت يىلدىرىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاپ قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كېلىڭلار، سىلەرمۇ زىيانغا ئۇچرىماڭلار، ئۇيغۇر خەلقىمۇ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىمىسۇن، بۇ خاتا ئىشلاردىن ۋاز كېچىڭلار!»

يىغىندا يەنە يەتتە ھىلال جەمئىيىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى مۇستافا سۈرۈجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيىتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېچ بىر زامان ئۈمىدسىزلەنمەيمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەركىنلىككە ئېرىشمىگۈچە، بۇ كۈرەشتىن ۋاز كەچمەيمىز. مۇسۇلمانلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى زالىم خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋەھشىيىلىكلىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بىر كۈنى پۈتۈن دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا بولىدۇ. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ھەرگىزمۇ ئەبەدىي تۇرالمايدۇ.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button