
بۇنىڭدىن 31 يىل ئىلگىرى 5 – ئاپرىل كۈنى بارىن ھەرىكىتىدە شېھىت بولغان قەھرىمان ئوغلانلارنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز.
شەرقىي تۈركسىتان خەلقى 72 يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇش يولىدا بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جانلىرى ۋە ماللىرىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز خاتىرلەپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بارىن قەتلىئامى ۋەقەسىمۇ ئاشۇ مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. بۇ كۈندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا ۋەتەنپەرۋەر ئوت يۇرەك مۇجاھىدلار خىتايغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئىشغالىيەتى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، زۇلۇمدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن قانداق بەدەل تۆلەش كېرەك بولسا ئۇنى تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. 1990 _ يىلى 5 _ ئاپرىل كۈنى بارىندا ئازاتلىقنىڭ تۈنجى ئوقى ئېتىلدى. بارىن قۇراللىق ھەرىكىتى ئىشغالىيەت ئاستىدا، زۇلۇمغا ئۇچىرىغان خەلقىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر ئۈمىد نۇرى بولدى، خەلقنىڭ كۆزىنى يۇرۇتتى، غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. زالىمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇردى، يۈركىگە خەنجەر بولۇپ قادالدى. بۇ كۈرەشتە نۇرغۇن قەھرىمان ئوغلانلار شېھىت بولدى لېكىن بۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى خەلقىمىزگە چوڭ ئىلھام بولدى، ئاز كىشى بىلەنمۇ ئاددى قۇراللار بىلەنمۇ كۈچلۈك دۇشمەنگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، دۈشمەننى قانداق بىت – چىت قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسەتتى. زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى بۇ كۈرەشتىن ئىلھام ئېلىپ ھازىرغىچە كۆپلىگەن ھەرىكەتلەرنى قىلدى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ داۋامى كېلىۋاتىدۇ.
كۈرەشنىڭ باشلىنىشى:
1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا قۇماندان زەيدىن يۇسۇپنىڭ باشچىلىقىدا، ۋەتەننى ئىشغال ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك قۇراللىق ھەرىكەت قىلدى.
زەيدىن يۇسۇپنىڭ باشچىلىقىدا بارىن يېزىسىدا 200 دىن ئارتۇق ياشلار جەم بولۇپ ئالدى بىلەن بىر تەشكىلات قۇرغان ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ غايە مەقسەتلىرىنى بەلىگىلەپ قارار ئالغاندىن كېيىن قۇراللىق جىھاد قىلىدىغانلىقىنى، ۋەتەننى ئازاد قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە باستۇرۇلۇش جەرىيانى
1990 – يىلىنىڭ بېشىدا تەشكىلات ئەزالىرى جامال مۇھەممەدنىڭ ئۆيىدە 1 قېتىم «تەشكىلات يىغىنى» ئېچىپ خىزمەتلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. 1990 – يىل 2 – ئاينىڭ بېشىدا «ساي مەسجىد» تە 2 – قېتىم يىغىن ئاچقان. 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەختە قۇشماقنىڭ ئۆيىدە 3 – قېتىم يىغىن ئېچىپ قورال- ياراق، ئوق دورا تەييارلاش مەسىلىسى بىلەن ئىنتىزام مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. «مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئۇنى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ يوق قىلىۋېتىش كېرەك……» دەپ بەلگىلىگەن. 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى «ساي مەسجىد» تە 4 – قېتىم يىغىن ئېچىپ قوراللىق ھەرىكەتنىڭ كۈنكرېت تەشكىلى ئاپاراتى ۋە ئىش تەقسىماتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەخسلەر بويىچە ئېنىق ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان.
زەيدىن يۈسۈپ (يەنە بىر ئىسمى زەيدىن قارى) شۇ چاغدا 26 ياش. بارىن جىھادى ھەرىكەتنىڭ باش قۇماندانى، ئۇ 1989 – يىلدىن باشلاپ بارىن يېزىسىدا مەخپىي ھالدا تەشكىلات قۇرۇپ، كۆپ ساندا ياشلارنى ئۇ تەشكىلاتقا ئەزالىققا ئالغان. قۇرال – ياراق توپلاپ مۇجاھىدلارنى ھەربىي مەشىقلەندۈرگەن.
تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قاتلام مەسئۇللىرى تۆۋەندىكىچە بەلگىلەنگەن:
ئابدۇغېنى تۇرسۇن، جىھادى ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قوشۇمچە مالىيە مەسئۇلى.
جامال مەمەت قوراللىق ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
ئىسساق ھوشۇر قوراللىق ھەرىكەتنىڭ ئارقا سەپ قوماندانى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۇچۇر – ئالاقە مەسئۇلى.
مەمەت تۇردى قاتناش قوماندانى.
ئەخەت تىلىۋالدى، مۇجاھىدلارنىڭ 1 – توپىنىڭ قوماندانى.
تۇرغۇن ئىسساق 2 – توپىنىڭ قوماندانى بولغان.
تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن ھەرىكەت مىخانىزىمى سىزىلىپ ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان ۋە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ھەرىكەتنى باشلىغان.
1990 – يىلى4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 500 دىن ئارتۇق مۇجاھىد ياشلار مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپنىڭ قوماندانلىقىدا ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى بارىن يېزىسىدا قۇراللىق جىھادى ھەرىكەت قىلدى. بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ھەر خىل شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلەر داۋام قىلىپ كەلدى. بۇ ھەرىكەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئويغانلىقىنى، خىتاي ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ھۆر مۇستەقىل ياشاش ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىتايغا ۋە دۇنياغا كۆرسەتتى.
ئالدى بىلەن بارىن جىھادى ھەرىكىتىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى توغرىسىدا توختىلىشىتىن ئىلگىرى بارىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتىگە كۆز يۈگۈرۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ئىشغالچىلىرى شەرقىي تۈركسىتاننى بېسىۋالغان 1949 – يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىنى، تىلى مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاسىملاتىسىيە قىلىشقا باشلىدى، مىللىي يادىكارلىقلىرىنى ۋەيران قىلدى. گۇمانداڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاپ بولۇپ چىقىپ كېتىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئالدامچى خىتايلار، ئاق كۆڭۈل خەلقىمىزنى ئالداپ ، ھېچ قانداق قۇرال كۈچىگە تايانماستىنلا ھىيلىگەرلىك بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالدى. ئەگەر ئۇ دەۋردە قۇرال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇپ بولۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇ دەۋردە شەرقىىي تۈركسىتاننىڭ پۈتۈن بىر قۇراللىق مىللىي ئارمىيىسى بار ئىدى.
باي دىخان، پومشۇك دېگەن نام ئاسىتىدا كىشىلەرنىڭ مال- مۈلك، ئۆي – ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. كوممۇننا دېگەن نام ئاستىدا ئىنسانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئارام بەرمىدى، دىنى ئالىملىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز تۈرمىگە قامىدى ياكى ئۆلتۈرۈلدى، ئىنسانلىرىمىز ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ ھايۋاندىن بەتتەر خورلۇققا ئۇچىرىدى، كەمسىتىلدى. ئىشلىگەن ھەققىنى بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاچ – يالىڭاچ تاشلاپ قويدى، نۇرغۇن ئىنسانلىرىمىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دېگەن نام ئاستىدا نۇرغۇن تارىخىي يادىكارلىقلارنى، تارىخى ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلدى، ئالىملىرىمىزنى يوق قىلدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا، مىللىي، دىنى، مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسىملاتىسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم قىلدى.
1980 – يىللاردىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ئىشغالچىلىرى ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئىنسانلارغا بىر ئاز كەڭىچىلىك بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ بىر ئاز نەپەس ئالدى، بۇ جەرىياندا، خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان دىنى ۋە پەننى ئالىملىرىمىز قويۇپ بېرىلدى. قاغلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر دىنى ئالىم مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق ئالىملار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خەلقىمىزگە ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىشكە باشلىدى، مىللىي ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ باردى. نۇرغۇن ياشلار دىنى، مىللىي ئاڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. نۇرغۇنلىغان ياشلار ۋەتەنپەرۋەر، تەقۋا مۇسۇلمان بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. خەلق ئارىسىدا ئىسلامى ئويغۇنۇش پەيدا بولدى، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە يەنى 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي توغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، 2 دىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشنى چەكلىدى. بۇ سىياسەتكە بوي سۇنمىغانلارنىڭ بۇۋاقلىرى 8 ياكى 9 ئايلىق بولغان بولسىمۇ ئانىنىڭ قۇرسىقىدا مەجبۇرى چۈشۈرىۋىتىلدى. دۇنياغا كۆز ئاچمىغان نۇرغۇن بۇۋاقلار ئانىنىڭ قارنىدا تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى. خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرشكە باشلىدى. خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارغا بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى.
بۇ ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمىغان قەلبى ئويغاق بىر تۈركۈم ياشلار 1989 – يىلى مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى قۇراللىق ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. قەشقەر ۋە بارىندا جەمئىي 5 قېتىملىق يىغىن ئېچىش نەتىجىسىدە ھەم تەشكىلات ھەم قۇراللىق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاقتۇنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ئىشغالچىلىرىغا قارشى رەسمى قۇراللىق ھەرىكەتنى باشلىغان. بۇ جىھادى ھەرىكەت مۇنداقلا تاسادىپى چىقىپ قالغان بىر قوزغىلاڭ بولۇپ قالماستىن بەلكى شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىغا خاس قۇراللار بىلەن قۇراللانغان مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى بولغان بىر ھەرىكەت ئىدى. بۇ جىھادىي ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆپ قىسمى بارىن خەلقىدىن تەشكىل قىلىنغان بولسىمۇ، قەشقەر، خوتەن، قاغىلىق، يەكەن، يېڭىسار، كۇچا ۋە غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردىن كېلىپ قاتناشقان ياشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەرىكەت بارىن يېزىسىغىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر مۇھىم ھەرىكەت ئىدى. بۇ قۇراللىق ھەرىكەتنىڭ ئاساسى مەقسىتى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئىشغالچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى، بارىن مۇجاھىدلىرىنىڭ تەشكىلات قۇرغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇراللىق جىھادىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت، ئەمما بۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھايات شاھىتلار ھازىرمۇ ياشاۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ھەتتا دۈشمىنىمىز خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىمۇ بارىن مۇجاھىدلىرىنى ئەيبلەپ يازغان ماقالىلىرىدا، ئۇلارنىڭ تەشكىلات قۇرغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
1990 – يىللاردا شەرقىي تۈركسىتاندا قان ئىچىپ يۈرگەن جاللات سۇڭ خەنلىياڭ بارىن ئىنقىلابىغا ئالاقىدار بىر كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىغا مەخپى تارتقان بولۇپ. بۇ ھۆججەتلىك مەخپى كىتابتا بارىن جىھادى ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ، تەشكىللىك، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەقسىتىنىڭ كومپارتىيىنى ئاغدۇرۇپ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى يازغان.
بارىن ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش جەرىيانى
بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۇسۇپ قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇراللىق ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى توغرىسىدا ، دەسلەپتە 200 كېيىن 500 كېيىن قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ 700 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بارىن ھەرىكىتىنىڭ قۇماندانى زەيدىن يۈسۈپ ھەرىكەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق خەت يازغان: « ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ. يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرۋېتىلدى. (1989 – يىلى بىر يىللىق سان) بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلىنامدۇ؟ ھېسابلانمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلمايدۇ؟…. ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ، بىز ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى كەلتۈرمىسە بولمامدۇ…؟ بىز كۈرەش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك…. پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن. شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن. خەلقىمىز ئۈستىدىكى باج – سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن. خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، ئىزىشكە، يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز»، دېگەندەك تەلەپلەر سۇنغان كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ رەسمى ھەرىكەتنى باشلىغان.
4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۇلار يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسى ۋە قورۇسىنى ئىگەللەپ، باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى. دەسلەپكى قەدەمدە خىتايلارنىڭ 500 قوراللىق ئەسكىرى قارشىلىققا ئۇچراپ مەغلۇب بولۇشقا ئاز قالغاندا، 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى سەھەر سائەت 4:30 دا 400 دىن ئارتۇق زامانىۋى قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا قىلغان. ئارقىدىن يەنە 10 نەچچە مىڭ مۇنتىزىم خىتاي ئارمىيىسى كەلتۈرۈلگەن. ھاۋا ئارمىيىسى، بىڭتۈەن توپچى قىسىملىرى، تانك قاتارلىق ئېغىر قۇراللار بىلەن قوراللانغان ھەربى قىسىملار بولۇپ جەمى 18 مىڭ ھەربى ۋە ساقچى قىسملىرى ئىنقىلاپنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. كۆپ ساندا خىتاي ۋە مىللىي مۇناپىقلار بارىن مۇجاھىدلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. لېكىن دۈشمەننىڭ كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، ياردەمسىز قالغان مۇجاھىدلار جەڭنىڭ ئىككىنجى كۈنى يەنى 6 – ئاپرىل كۈنىلا 48 كىشىنى شەھىد بەردى. 193 كىشى يارىلاندى. 30 كىشى تۇتقۇن قىلىندى. 10- ئاپرىل ئەتتىگەن سائەت 3 يېرىمغىچە بولغان قارشىلىق جەڭلىرىدە يەنە 59 مۇجاھىد شېھىد بولغان. 7 كىشى ئېغىر يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. چېكىنىۋاتقانلاردىن 200 نەچچىسى تۇتۇلۇپ قالغان. جەمى 5 كۈنلۈك قانلىق جەڭدە 107 كىشى شېھىدلىك شاراپىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قوماندان زەيدۇن يۇسۇپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەت تۇردى، مۇھەممەت تۇرسۇن قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ بار.
كۆچمەن خىتاي سۇڭ خەنلىياڭ نەشىر قىلدۇرغان كىتابتا يېزىلىشىچە، بارىن ئىنقىلاۋىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 دېيىلگەن، بۇنىڭدىن 107 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى توپلام 289 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ خىتاي ئەسكەرلىرىدىن قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يوشۇرغان. كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىدلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارىندىن قەشقەرگە 10 دىن ئارتۇق ماشىنا بىر قانچە كۈن خىتاي جەسەدلىرىنى توشىغانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن.
500 كىشىلىك بارىن مۇجاھىدلىرىغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئۇرۇشقا توپلام 22454 قۇراللىق ئەسكەر قاتناشتۇرۇپ، ئۇرۇش 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 10 - كۈنى سائەت 3:00 كىچە قاتتىق داۋام قىلغان يەنى ئۇ قېتىمقى ئۇرۇش 5 كېچە – كۈندۈز داۋام قىلغان. 500 مۇجاھىد خىتاينىڭ 22 دىن ئارتۇق ئەسكەلىرى بىلەن 5 كىچە كۈندۈز ئۇرۇش قىلغان ۋە ئاخىرىدا تەسلىم بولماي شەھىد بولغان.
ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە ھەقىقىي مۆمىننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئاندىن ئىمانىدا شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر. ئەنە شۇلار ئىمان دەۋاسىدا راستچىللاردۇر». سۈرە ھۇجۇرات 15 – ئايەت.
بارىندا شەھىد بولغان شۇ مۇجاھىدلىرىمىز مانا بۇ ئايەتتە ئاللاھ راستچىللىق بىلەن سۈپەتلىگەن ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر. ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇشۇنداق سۈپەتلەيدۇ. ئۇلار ھەقىقىي مۆمىن ۋە ھەقىقىي شېھىدلەردۇر. ئىنشائاللاھ.
بارىن جىھادى ھەرىكەتكە قاتناشقانلار سوتقا تارتىلدى
1990- يىلى 30- ئاۋغۇستتا زالىم خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سوتچى ئەمەلدارلىرى، بارىن مۇجاھىدلىرىدىن سۇلايمان سوپى، قۇربان مۇھەممەت، غوپۇر ئەۋەللەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئەمەت مۇھەممەت، تۇرغۇن خوجا، ئەخەت ھەسەنلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى 2 يىل كېچىكتۈرۈشكە، جامال مۇھەممەت قاتارلىق 5 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. شۇ چاغدا جەمىئى 103 كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلدى. زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، بارىن ھەركىتىگە ياردەم بەرگەن ۋە ھىسداشلىق قىلغان دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 10 ناھىيە- شەھەردىن 2000 ئۇيغۇرنى يولسىز قاماققا ئالدى. بارىن يېزىسىنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. خىتاي جاللاتلىرى ھەتتا بۈشۈكتىكى بوۋاققا ئوق ياغدۇردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئىشغالچىلىرى ھەربى قىسىم، ساقچى- ژاندارما ۋە بىڭتۈەننىڭ 6 دېۋىزىيە ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرگە ئالغان.
دۈشمەننىڭ قۇرال جەھەتتە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ، دۈشمەن بىلەن ھەربىي جەھەتتە تەڭ ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ باشلانغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىككى سەۋەبى بار ئىدى. بىرىنچى سەۋەبى، دۈشمەن كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىمانى كۈچ، زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك، مۇستەملىكنى قوبۇل قىلماسلىقتىن ئىبارەت روھى كۈچتىن جاسارەت ئالغان. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھەرىكەت بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن باشلانغان. يەنى بارىنغا توپلانغان مۇجاھىدلار خىتايغا قارشى جىھادى ھەرىكەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، قۇرال – ياراق، ئىقتىساد ۋە ئات توپلاش ھەربىي تەييارلىق ئېلىپ بېرىش جەرىيانىدا پاش بولۇپ قېلىپ ھەرىكەتنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئىلگىرى باشلاشقا مەجبۇر بولغان. بارىن يېزىسىغا قوشنا بولغان يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا دانىش ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندە مەزكۈر كىشى ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن تالاش تارتىش بولغان كېيىن، مەزكۈر دانىش ئىسىملىك خائىن، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قېلىپ خىتاي ساقچىلىرىغا پاش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بارىن مۇجاھىدلىرى ئۇرۇش تەييارلىقى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىپ 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى قۇراللىق ھەرىكەتنى رەسمى باشلىغان.
بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئەھمىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى
بارىن جىھادى ھەرىكىتى تەشكىللىك ۋە مۇنتىزىم ئۈزۈل-كېسىل ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىققا بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى كۈچەيتتى. بارىن مۇجاھىدلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، ئىشغالچى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ئىنقىلاپ خىتاينى قاتتىق ساراسىمغا سالدى. ئۇيقۇسىنى قاچۇردى، يۈرىكىگە خەنجەر بولۇپ سانجىلدى. چۈنكى بۇ قېتىمقى كۈرەش خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بىرى خىتايغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە بولدى. بارىن جىھادى ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 200 يىلدىن بىرى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازاتلىق ھەرىكەتلەرنىڭ داۋامى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىدى.
بارىن قۇراللىق كۈرىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل شەھەر- رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ كۈرەش خىتاينىڭ ئىشغالىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. كىمنىڭ دوست كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. ئازادلىققا ھۆرلۈككە ئىنتىلىش، ئىشغالچىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيىتتى. ئىشغالچى زالىملارغا قارشى غەزەپ – نەپرەت ئوتى چاقنىدى. ئىشغالچى خىتايلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا دوست بىلەن دۈشمەن، زالىم بىلەن مەزلۇمدىن ئىبارەت ئىككى سەپ ئايرىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
بۇ كۈرەش يەنە خەلقئارادىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. ۋەتەن سىرتىدىكى 1934- يىلدىن تاكى 1980- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چەتئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان مۇھاجىرلار 1992-يىلى دېكابىردا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىگە جەم بولۇپ، ”شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى“ نى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچىيىشى، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىغا قارشى جىھادىي ھەرىكەت سېپىنىڭ كېڭىيىشىگە، ھەقىقەتنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشىگە ۋەسىلە بولدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتايلارنى جەزمەن قوغلاپ چىقىرىش، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. بارىن جىھادىي خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قاتتىق بىر زەربە ئۇردى! بارىن جىھادىي ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلەر توختىماي داۋام قىلماقتا. بارىن جىھادىي ھەرىكىتىدىن ئىلھام ئالغان جەڭگىۋار پىدايىلار خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.
چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەلچىخانىسى ۋە ياكى كونسۇلخانىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشى كېرەك، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر ۋەكىلى دېگەن چۈشەنچە بىلەن قەدەم بېسىشى كېرەك.
شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسىدە بىرلا يولنى تاللاپ مۇشۇ يول توغرا باشقا يوللار خاتا دەيدىغان بىر تەرەپلىمە دوگما ھالەتتىن چىقىپ ھەر تەرەپلىمە يول تۇتۇش كېرەك. چۈنكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئىقتىسادى، سىياسىي ، تەشۋىقات ۋە ھەربىي جەھەتتە مىللىي ئارمىيە بولۇش كېرەك بولىدۇ. ھەر قانداق بىر تەشكىلات ھەر قانداق بىر دۆلەت ھەر قانداق بىر خەلق مانا بۇ تۆت ساھەدە مۇنتىزىم سېستىملىق بىر پرىنسىپ بويىچە بىرى – بىرىنى ماسلاشتۇرۇپ مېڭىشتىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ، بۇ تۆت ساھەنى ماسلاشتۇرۇپ بىرلىكتە ئېلىپ مېڭىش غەلبىنىڭ يولىدۇر، بۇ سەۋەبنىڭ ئالىمىدە مانا بۇ تۆت ساھەنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ماڭغاندا ئاندىن مەقسەت ۋە غايىگە يەتكىلى بولىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ، ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دىنى، تىلى، مىللىي مەدەنىيىتىنى گۈھەر زېمىن ئانا تۇپراقنى قوغداش ئۈچۈن جانلىرىنى، ماللىرىنى ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلىۋاتىدۇ، زۇلۇم ئېغىرلاشقانسىرى بېسىممۇ كۈچيىۋاتىدۇ، بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، بۇ بەدەللەر ھەرگىز بىكار كەتمەيدۇ، تۆكۈلگەن قانلار يەردە قالمايدۇ، ئەمما تۆلىنىۋاتقان بەدەللەر كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئاز بەدەل بىلەن كۆپ غەلبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سېستىمىلىشىش، پرىنسىپچان بولۇش كېرەك بولىدۇ، ھېچ كىم مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما بىر پىكىر بىر مەقسەتتە بىرلەشكەن ئەھۋالدا ئاندىن مۇكەممەل بولالايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز بىردەك بىر چاپاندىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىش، بەدەل تۈلەش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان تەجرىبە ساۋاقلاردىن پايدىلىنىپ تەجرىبە قىلىشنى تەكرارلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك بولىدۇ.
دۈشمەن بىزگە قارشى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ، تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ ھەقىقەتنى بورمىلاپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياۋاتىدۇ، خەلقئارا سەھنىلەردە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى تېرورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ھىلە – نەيرەڭلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋەتلەردە، شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ھەرىكىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى شەرت قىلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا باش كۆتۈرۈشىدىن ئۆلگۈدەك قورقىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق پەيتتە بىز ئالدى بىلەن چوقۇم دۈشمەننى تونۇش كېرەك بولىدۇ ۋە بۇ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتا تاقابىل تۇرۇشتا ھەر زامان تەمكىن ۋە تەدبىرلىك بولۇش كېرەك. چەتئەللەردىكى، ھۆر ئەركىن دۇنيادىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئەركىن دۇنيادىن پايدىلىنىشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن پۇرسەت دەپ قارىماستىن ۋەتەن خەلقنىڭ ئازاتلىقى، ھۆرلۈكى ئۈچۈن بىر پۇرسەت دېگەن چۈشەنچە بىلەن پائالىيەت قىلىش ۋە بۇنى باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مىللىي مەجبۇرىيەت دەپ بىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە تۇرمۇشنى قامداش ۋە ئىگىلىك تىكلەشمۇ مۇھىم ئەمما بۇنى ھاياتنىڭ ئاساسىي مەقسەت غايىسى دەپ قارىماستىن ئەسلى مەقسەت ۋە غايىنىڭ ۋەتەن خەلقنىڭ ئازاتلىقى، زۇلۇم ۋە بېسىمنىڭ خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى ئونتۇپ قالماسلىق كېرەك بولىدۇ.
ۋەتەن ئىچىدە ھەر كۈنى زۇلۇم، ھەر كۈنى بېسىم ھەر كۈنى ئۆلۈم ھەر كۈنى قارشىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ، خىتاي تەشۋىقاتلىرى يوشۇرۇپ بولالمىغان ۋەقەلەرنى تەتۈر شەكىلدە ئېلان قىلىۋاتىدۇ ئەمما نۇرغۇن ۋەقەلەر، ناھەقچىلىكلەر، دۆلەت تېرورلۇقى دۆلەت سىرى بولۇپ يوشۇرۇن قېلىۋاتىدۇ، بۇلارنى پاش قىلىش، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش خىتاي كاتىباشلىرى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، دۆلەت تېرورلۇقى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، بىگۇناھ ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇنىڭ بىر جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى دۇنيا خەلقى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىش كېرەك بولىدۇ.
كۈرەش يولىدا قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر بار، ھەر كىم قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى بۇ كۈرەش يولىدا ئىشلىتىش كېرەك، بىلىملىكلەر بىلىمى بىلەن ئەقىللىقلەر ئەقلى بىلەن كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەن بايلار ئىقتىسادى بىلەن بۇ داۋاغا ھەسسە قوشۇشى ۋاقتىنى ئايرىشى، كېچە – كۈندۈز جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ھارماي – تالماي تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك.
مەن بۇلارنى نېمە ئۈچۈن كېرەك دېگەن ئوقۇم بىلەن ئاڭلىتىۋاتىمەن چۈنكى بۇلار باش تارتىپ بولمايدىغان مىللى، دىنى، ئىمانىي مەجبۇرىيەت، ۋەتەن ئازات بولۇپ خەلقىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلمىغىچە بىزگە راھەت ئۇيقۇ يوق قېرىنداشلار، ۋەتەن ئىچى ئويغاندى ئەمما چەتئەللەردە ئۇيغىنىش بارمۇ يوقمۇ؟ بۇنى ھەممىمىز ئۆزىمىز ھىس قىلايلى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە ، «مۇسۇلمانلار بىر جەسەتكە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇ جەسەتنىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىپ قالسا ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابىنى باشقا ئەزالىرىمۇ ھىس قىلىدۇ،» دېيلگەن، بىز ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز سوراپ باقايلى، بىز ئاشۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلالىدۇقمۇ يوق، بىزنىڭ يۈركىمىز ئېچىشىۋاتامدۇ قانداق؟ قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇم ۋە ئازاب تارتىۋاتىدۇ بىز بۇنىڭغا قارىتا قانداق ھىس – تۇيغۇدا بولىۋاتىمىز؟ بۇنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز سوراپ كۆرەيلى.
جانابى ئاللاھ بىزنى ئىنسان قىلىپ ياراتتى، مۇسۇلمان قىلىپ ياراتتى، ئۇيغۇر قىلىپ ياراتتى شەرقىي تۈركسىتاننى ۋەتەن قىلىپ بەردى، ئەمما بۇ ۋەتەننى دۈشمەن تارتىۋالدى، زۇمىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن بېسىۋالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىسلام دىنى بىزگە قانداق تەلىمات بېرىدۇ؟ ئىمان – ئىسلام بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئىسلام دىنى مۇكەممەل بىر دىن، دۆلەت قۇرۇش ئاپاراتلىرىدىن تارتىپ مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشاش، ئىشغالىيەتكە ئۇچىرىغاندا قانداق چارە – تەدبىرلەرنى قىلىش، ئۆزىنى، مېلىنى، ۋەتىنىنى قوغداش، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەپسىلى تەلىماتلار، يول يۇرۇقلار بار، شۇنىڭ ئۈچۈن يوقاردىكى سوئاللارغا جاۋاپ تېپىشىمىز، مەسىلىنى ئىسلامى قاراش بىلەن چىقىش يولى ئىزدىشىمىز ۋە شۇ يولدا مېڭىپ غايە – مەقسەتكە يېتىشىمىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەلەپ ۋە تەقەززاسىدۇر. بىزگە ئىسلامى يولدىن باشقا چىقىش يولى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن قەلبى ئىمان ئىسلام بىلەن تولغان پىداكار خەلقىمىز تا ھازىرغىچە بارىن ھەرىكىتىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن مۇجاھىد قەھرىمانلىرىمىزدىن ئىلھام ئېلىپ خىتاي ئىشغالچىلرىغا قارشى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەمما مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى كۈرەشكە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار، ھۆر – ئەركىن دۇنيانىڭ شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ كۈرەشنىڭ ئالغا بېسىشى غەلبە قىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ھەر بىر كىشىنىڭ ئىمانى، ئىسلامى، مىللىي مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ بۇ مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچنى ئونۇتماسلىقىنى ئۈزەمگە ۋە ھەممەيلەنگە ئالاھىدە تەكىتلەيمەن.
ئىشغالىيەت ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، زۇلۇممۇ ھېچ قاچان داۋام قىلمايدۇ، قۇدرەتلىك ئاللاھ، تارىختىن بۇيان دۇنيادا زالىملارنى باشقىلارغا ئىبرەت ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادىلا جازالاپ كېلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى، خىتاي ئىشغالى چوقۇم يوقايدۇ، زالىملار جازاسىنى تارتىدۇ، كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستان ئاسمانلىرىدا لەپىلدەيدىغان خەلقىمىز ئازادلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلەر يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئىنشائاللاھ.
2021-يىلى 4-ئاينىڭ 4 – كۈنى ئىستانبۇل
مۇسا ئارسلانتاش