باياناتلار

ئاخبارات ئېلان قىلىش ئۇقتۇرۇشى

1990-يىلى 5-ئاپرېل يۈز بەرگەن ئىشغالچى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدىكى قىرغىنچىلىق جىنايىتى، بارىن شېھىتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىشغالىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىھادى ھەرىكىتىنى خاتىرلەش مەقسىتىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئالتە رايونىدا سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇردى.
5-ئاپرېل ئىستانبۇل ئەييۇب سۇلتان مەيدانىدا سائەت 11 دە ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ ۋە پائالىيىتىمىز رەسمىي باشلىنىدۇ. پائالىيەت ئىستانبۇلدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، سۈرەت كۆرگەزمىسىدە بارىن، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئاملىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پائالىيەت ئورۇنلىرى:
ئەييۇب سۇلتان مەيدانى \ ئىستانبۇل، 5-6 ئاپرېل
ئەسەنلەر تۆتيول مەيدانى \ ئىستانبۇل، 5-6 ئاپرېل
قىزىل ئاي مېترو بېكىتى \ ئەنقەرە
كۈلتۈر باغچىسى \ كونيا
مىللىي ئىرادە مەيدانى \ قەھرىمانماراش
نەسرۇللاھ جامى مەيدانى \ كاستامونۇ

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button