روزا ھېيت تەبرىكنامىسى

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز خەلقىمىز!

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىشغالچى زالىم خىتاي تەرىپىدىن ئېغىر بېسىم، ئاسىملاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىىققا ئۇچراۋاتقان پاجىئەلىك بىر ۋەزىيەتتە يېتىپ كەلگەن روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز.

پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئازاب تارتىىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىمىزنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بارغان پۈتكۈل ئەمەل – ئىبادەتلەر جانابىي ئاللاھنىڭ نەزلىدە قوبۇل بولسۇن. خىتاي ۋىرۇسىدىن تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن  ئۆيلىرىمىزدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بۇ كۈنلەردە يېتىپ كەلگەن، روزا ھېيت بايرىمىنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمىز.

رامىزان ئېيى ۋە بۇ روزا  ھېيت بايرىمى، ئۆز – ئارا تەپرىقچىلىق، نىزا – ئاداۋەتلەرگە خاتىمە بېرىلىپ قېرىنداشلار ئارا مۇناسىۋەتنى ۋە دوستلۇق، سەپداشلىق بىرلىكىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋەسىلە بولغۇسى، شۇنداقلا چەتئەللەردە ۋەتەن ۋە ئۇرۇق – تۇققان ھەسرىتى بىلەن ياشاۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ  ھەسرەتكە تولغان يۈرەكلىرىمىزگە مەلھەم بولغۇسى. ۋەتىنىمىزنىڭ پات – پۇرسەتتە ئازاد بولۇپ ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز بىلەن جەم بولۇشقا ۋەسىلە بولغۇسى ئىنشائاللاھ.

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتدىكى پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز. ھېيتنى ئائىلە – پەرزەنتلىرى بىلەن خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركسىتان مائارپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى

Exit mobile version