مائارىپ ھەرىكىتى ئائىلىسى يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

7- ئاينىڭ 2- كۈنى مائارىپ ھەرىكىتى ئائىلىسى ئىستانبۇل ئاۋجىلار رايونىنىڭ ساھىل بويىدا يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مائارىپ ھەرىكىتى ئائىلىسى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي ۋاباسى سەۋەبلىك ھەرخىل يىغىن، يىغىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزەلمىگەن ئىدى. ھۆكۈمەت 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ نورماللىشىش ئۇقتۇرىشى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مائارىپ ھەرىكىتى ئائىلىسى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش، يۈز كۈرۈشۈپ سالاملىشىش ۋە قېرىنداشلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان. ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان پائالىيەت جەريانىدا بۇ بىر يىل ئىچىدە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ ئېلىپ بارغان جاپالىق خىزمەتلىرى شۇنداقلا بەزى ۋەقە- مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. كېيىن بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ 7- ئاينىڭ 5- كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 10:00 بىلەن ئىستانبۇل تارابيادىكى خىتاي كونسۇلغانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.