پائالىيەتلەر

خىتاي ئىشغالىنىڭ 63_ يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2012 _ يىلى 9_ئاينىڭ 30 _ كۈنى خىتاي ئىشغالىنىڭ 63_ يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

 1949 _ يىلى 10_ ئاينىڭ 1 _ كۈنى خىتاي كوممۇنىسىت ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ھىيلە – مىكىر بىلەن ئالداپ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان تارىخى بىر كۈنى بولۇپ، ئۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە ئارىدىن 63 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ھەر خىل نارازىلىق پائالىيىتى ئۇتكۈزۈپ كەلمەكتە.

2012 _ يىلى 9_ئاينىڭ 30 _ كۈنى خىتاي ئىشغالىنىڭ 63_ يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» نام ئاستىدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئىسىتانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دوسىتلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار، «شەرقىي تۈركسىتان 63 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىشغال ئاستىدا»، « شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 63_ يىلىغا لەنەت ئوقۇيمىز»، دېگەنگە ئوخشاش چوڭ ھەجىمدە خەتلەر يېزىلغان پىلاكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى. نامايىشچىلار كونسولخانا ئالدىدا قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە پىلاكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!»، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، «تۈركىيە ئوخلىما قېرىنداشلىرىڭغا ساھىپ چىق»،  «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلىدى.

نامايىشچىلار خىتاينىڭ 2 دانە بايرىقىغا ئوت يېقىپ كۆيدۇرۇپ تاشلىدى. ۋە ئاللاھۇئەكبەر دەپ تەكبىر توۋلىشىپ خىتايغا بولغان غەزەپ نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىدى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان «ھۆر شەرقىي تۈركسىتان مۇنبىرى» گە ۋاكالەتەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىغا قارشى يېزىلغان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 63 يىل ئىلگىرى يەنى 1949 _ يىلى خىتاينىڭ ئىشغالىغا ئۇچىرىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، مۇستەقىللىق يولىدا ئازاب – ئوقۇبەت ۋە زۇلۇمغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، نالە – پەرياد قىلسىمۇ، ھېچ كىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي، يالغۇز تاشلىنىپ قالدى ۋە يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كەلدى. مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن جاپا – مۇشەققەت تارتىۋاتقان 40 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاسارەتكە قارشى تۇرۇپ بۇ يىل 63 _ يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى خاتىرلىتىش، بۇ يولدا تارتىۋاتقان دەرد – ئەلەم ۋە پىغانلىرىنى دۇنياغا ۋە تۈركىيىگە ئاڭلىتىش ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش، ئىشغالىيەتنى ھەرگىز  قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شان – شەرەپ بىلەن داۋام قىلغان شەرقىي تۈركىستان 1949 _ يىلى رۇس ۋە خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ۋە سۈيقەستلىرى نەتىجىسىدە قانۇنلۇق دۆلىتىمىز خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. خىتاي 63 يىلدىن بۇيان 30 مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل ئىنقىلاپ ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلەر  بىلەن قەتلىئام يۈرگۈزۈپ چوڭ بىر ئىرقي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ چوڭ بىر جىنايەت سادىر قىلدى. مەكتەپلەرنى تاقاپ خەلقىمىزنى نادان قالدۇرۇش، ئانا تىلىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ – ئادەتلىرىمىزنى بۇزۇپ يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللاندى.

ھىدايەتۇللاھ  ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئەرەب باھارىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت بېرىپ مۇنداق دېدى:  بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىغا كەڭ تارقالغان ئازادلىق نىدالىرى ۋە كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان باھار شامىلى شەرقىي تۈركىستان ئاسمانىغىمۇ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقىقەت خىتاينى چوڭقۇر ساراسىمگە سالماقتا.   ئەلۋەتتە بالدۇر بولسۇن ياكى كەچ بولسۇن خىتاي چوقۇم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، خىتاي كوممۇنىست گوروھى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى، ئەخلاقى ۋە ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتە چىرىكلىشىپ كەتكەن دۆلەت تۈزىملىرى، ھۆر شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈرمەكتە».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە دۇنيا جامائىتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى، ئەرەب بىرلىكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خۇسۇسەن بىز بىلەن دىنى ۋە مىللىي قانداشلىق باغلىنىشلىقىمىز بولغان قېرىنداش، قوشنا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە شۇنى خىتاپ قىلىمىزكى، شەرقىي تۈركىستاندا قەتلىئام ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، قىرغىنچىلىقنى مەقسەت قىلىغان مەخپى سىياسەتلەر ئىجرا قىلىنىۋاتسا، دىنى ۋە مىللىي شۇنداقلا ۋىجدانى ئەركىنلىككە قارشى باستۇرۇشلار، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ دىيارىمىزغا قانۇنسىز ھالدا كۆچۈرۈلۈشى، ئىززەت – ئابرويىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلىشى، ئېچىنىشىلىق پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتسا، خىتاي جىنايەتلەر سادىر قىلىۋاتسا، خىتاينىڭ يالغان – ياۋداقلىرىغا، نىقاپلانغان ئىلتىپات ۋە تەكلىپلىرىگە ئالدانماسلىققا چاقىرىق قىلىمىز.  خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت، ئىقتىسادى، ھەربىي، دىپلوماتىيە ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلەرنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئارزۇ ۋە تەلەپلىرى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىدۇر».

نامايىش جەرىيانىدا يەنە ئىستانبۇلدىكى ۋەتەنپەرۋەر پىشقەدەم ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئاخىرىدا نامايىشچىلاردىن 5 كىشى نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن خىتاي كونسولخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەك ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستانلىقلار دېگەن چوڭ ھەجىملىك خەت قىزىل رەڭدە يېزىلغان بولۇپ، قارا چەمبىرەك قويۇش تۈركىيىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيبلەپلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئىگەللىنىشچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانسى خىتاي كوممۇنىست گوروھىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 _ يىلىنى تەبرىكلەپ ئىستانبۇلدىكى كونراد مېھمانخانسىدا بىر زىياپەت بەرگەن ۋە بۇ زىياپەتكە ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىر بۆلۈك كىشىلەرنى تەكلىپ قىلغان ئەمما ئۇيغۇرلاردىن ھېچ كىم قاتناشمىغان لېكىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سابىر بوغدا خىتاينىڭ بۇ بايرىمىنى تەبرىكلەپ گۇل – چەمبىرەك ئەۋەتكەن.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close