خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تاقابىل تۇرۇش يىغىنىغا چاقىرىق

 

ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تاقابىل تۇرۇش يىغىنىغا چاقىرىق

يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئالداش ۋە تەھدىت قىلىشتىن ئىبارەت پەسكەش قىلمىشلارغا ئۇچراش بولۇپ، بىز بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەدبىر قوللىنىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قوغداش، ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى قانداق تاقابىل تۇرۇش، دېگەنگە ئوخشاش تېمىدا بىر يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 

بۇ يىغىندا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، تۈركىيە ئىستىراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىدۇ. 

بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى، چەتئەللەردە يامراپ كېتىۋاتقان خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماسلىق، تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلماسلىق، ئۆزىمىزنى قوغداش، پىسخولوگىيە ئۇرۇشى ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش، خىتاي جاسۇسلىرىنى پاش قىلىش، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى قوغداش قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت

يوقىرىدىكى مەسىلىلەرگە دۈچ كەلگەن ۋە ياكى دۈچ كېلىشنى خالىمايدىغان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنشىشىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز. 

ئورنى زەيتىنبۇرنىدىكى دېڭىز فەنەر  جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا،

ۋاقتى: 2013 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 19 – كۈنى كەچ سائەت 18:00 دە

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستىراتېگىيە – تەتقىقات بۆلۈمى

ئالاقىلىشىش: 5232877

info@maarip.org

www.maarip.org

uysam.org/uyghur

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close