ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيىتنى جەم بولۇپ بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

22-ئىيۇن بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال – ئۆسمۈرلەر بولۇپ ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان يۈزلەرچە ئۆسمۈر پەرزەنتلەرگە ھېيتلىق پۇل تارقىتىپ بەردى.

ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، زۇلۇم سىياسىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تەييارلىق باسقۇچ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ھېيتلىق تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ھېيت كۈنلىرىدىكى يىغىلىشنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ئىسلامىي مەدەنىيىتىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن دىنىي كىملىكىنىڭ ئايرىلماس بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان ئاكىت قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىرمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆز دىنى، ئۆرپ-ئادىتى، تىلى ۋە تارىخىدىن ئىبارەت تۆت مۇھىم ئامىلنى قوغدىشى ۋە بىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ئىختىلاپتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى تامامەن يوقىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك بىر كۈنمۇ توختاپ قالماستىن زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق نىشانىدىن قىلچە تەۋرەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئىبادەت دەپ تونۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا بىرقانچە ئۇغۇل – قىز ئوقۇغۇچىلار بىر تۈركۈم بالىلار ھېيت كۈنىگە ئاتاپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشتى.
ئاخىرىدا ھېيتلىشىش پائالىيىتى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاياغلاشتى.