پائالىيەتلەر

ياۋرۇ ئاسىيا 2023 – يىللىق نىشانى دېگەن يىغىندا جەمئىيىتىمىز رەئىسى سۆز قىلدى

ياۋرۇ ئاسىيا 2023 – يىللىق پىلانى يېغىنىدا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سۆز قىلدى

2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 15-16 – كۈنلىرى ئەنقەرەدە، ياۋروئاسىيانىڭ 2023 – يىللىق نىشانى ناملىق بىر يىغىن ئېچىلدى. 

ياۋرو-ئاسىيانىڭ 2023-يىللىق نىشانى ناملىق ئەنقەرەدە بۇ يىغىنغا تۈركىيە، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، ئافغانىستان، سۈرىيە، ئىراق ۋە تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئاكادېمىك خادىملىرى قاتناشتى. يىغىندا ياۋرو-ئاسىيادا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى مەركىزىي نۇقتىغا ئايلاندى.

يېغىنغا تۈركىيە، قېرغىزىستان، موڭغۇلىستان، ئافغانىستان، سۈرىيە، ئىراق ۋە تانزانىيەگە ئوخشاش پارلامىنت ئەزالىرى ۋە ئاكادىمىك خادىملىرى قاتناشتى، يىغىندا ياۋرۇ – ئاسىيادا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى.

ياۋرۇ ئاسىيانىڭ 2023 – يىللىق نىشانى نامدىكى يىغىن ئەنقەرە كەچىئۆرەن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇنۇس ئەمرە مەدىنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ياۋرۇ ئاسىيا تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ باش رەھبىرى ھەسەن چىنگىز، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مىللەت ۋەكىلى ۋە موڭغۇلىستان – تۈرك دوستلۇق گۇرۇپى رەھبىرى فەھمى كۈپچۈ ، ياۋرۇ ئاسىيا چۈشەنجە ئىنىستۇتى رەھبىرى پروفىسسور دوكتۇر جەلال ئەرباي، ياۋرۇ ئاسىيا تەرەققىيات ھۆكۈمەتلىرى بىرلىگى باش كاتىپى ۋە قېرغىزىستان مىللەت ۋەكىلى ئاناربەك كالماتوف، ياۋرۇ ئاسىيا تەرەققىيات ھۆكۈمەتلىرى بىرلىگى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئەل ئازىغ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى باشلىقى سۇلەيمان سەلمان ئوغلۇ، ئافغانىستان مىللەت ۋەكىلى ئەنۋەر سەدات، سۈرىيە تۈركمەنلىرى تەرەققىياتى جەمئىيىتى ئىجرائىيە باشلىقى ھەيسەم موللا ئېلى، موڭغۇلىستان ھۇقۇق ئىجرا ئۈنىۋېرسىتىتى مۇدىرى پىروفىسسور دوكتۇر پولىس ئالباي چىنگىز بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىديەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئىراق ۋە تانزانىيەدىن بەزى ۋەكىللەر قاتناشتى.

 يېغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئايرىم – ئايرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە پىكىر – قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا  شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، 2023 – يىللىق ياۋرۇ ئاسىيا پىلانىنىڭ بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يولدا شەرقى تۈركىستاننىڭمۇ تىگىشلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋە مۇنداق دېدى:  شەرقى تۈركىستان ئۇنتۇلغان بىر يەر، شەرقى تۈركىستان دېگەن ھامان بۇ يەرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرمەكچىمەن، شەرقى تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى بولۇپ، پۈتۈن بۇ جوغراپىيەدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولمايدىكەن، ئۇ يەردىكى ئاھۇ – پىغانلار تۈگىمەيدىكەن، ئۇ يەرنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ھەل بولمايدىكەن ياۋرۇ -ئاسىيا بىرلىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ نىشانغا يېتىش ئىنتايىن تەس بولىدۇ. ھۆرمەتلىك ئافغانىستان ۋەكىلىنىڭ يۇقىرىدا سۆزلىگىنىگە ئوخشاش، ئافغانىسىتاندىكى مۇقىمسىزلىق ۋە ئۇ يەردىكى مەسىلىلەر، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا توسالغۇلار بولغىنىدەك شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىمۇ ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە ئالدىمىزغا توسالغۇ بولۇپ چىقسا بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ھەيران قالماسلىق كېرەك، چۈنكى شەرقى تۈركىستان يېرىم ئەسىردىن بىرى خىتاي ئىشغالى ئاستىدا، تۆمۇر بارماق چاڭگىلىدا دۇنياغا تۇنۇلمىدى. ھەتتا تۈركىيەدىمۇ بەزىلەر شەرقى تۈركىستان دېسە تۈركمەنىستانمۇ دەپ سورايدۇ.

شەرقى تۈركىستاندا 2009 –  يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامى يۈز بەردى، تۈركىيە باش مىنىسىتىرى بۇنى ئۇمۇمى قەتلىئام دەپ ئېلان قىلدى شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە خەلق ئاممىسى شەرقى تۈركىستاننى تونىدى. شەرقى تۈركىستاننىڭ 1 مىليارت 8 مىليۇن كۇۋادىرات كىلو مىتىرلىق زېمىنى، 35 ۋە 40 مىليۇن نۇپۇس بار. ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەر بار. شەرقى تۈركىستان ئافغانىستان، خىتاي، پاكىستان، كەشمىر، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ھىندىستان، ۋە موڭغۇلىستان بىلەن قوشنىدۇر. شەرقى تۈركىستان ئەڭ ئاخىرى 1949 – يىلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ماھىيىتىنى ئىنىق بىلىش لازىمدۇر، شەرقى تۈركىستان خىتاي داۋا قىلغاندەك ھېچقاچان خىتاينىڭ زىمىنى بولمىدى، ھەم خىتاينىڭ زىمىنى ئەمەستۇر. بىز ئوزىمىزنىڭ زىمىنى ، ئوزىمىزنىڭ توپرىقى ھەققىدە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتىشى ۋە شەرقى تۈركىستانغا توختىماي كۆچمەن خىتايلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەسلى خىتاي زىمىنى ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. شەرقى تۈركىستاندا ئىلگىرى ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان، بۇ دۆلەتنى بىرىنجى بولۇپ ئافغانىستان ئىتىراپ قىلغان ئىدى، ھازىرمۇ ئافغانىستانلىق قىرىنداشلىرىمىزدىن ئۈمىد كۈتىۋاتىمىز، خىتاي بىلەن بولغان تىجارى ۋە سىياسى ئىشلىرىدا شەرقى تۈركىستاننى ئەسلا ئىسىدىن چىقارماسلىقىنى ئۇمىت قىلىمىز،  دېدى.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close