خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ ياردەملەشتى

تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۆت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل  ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە باشقا ئون نەچچە تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەنگەن جەمئىي 36 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار ئوت ئۆچۈرۈشكە ياردەملىشىش ئۈچۈن، ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ۋە ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى سۇنۇش ئۈچۈن، ئانتاليانىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ بىر يۈرۈش ياردەم پائالىيىتىدە بولدى.

4 – ئاۋغۇست كۈنى شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسىنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئانتالىيانىڭ ماناۋگات رايونىدا تۈركىيە قىزىل ئاي تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئېغىر كۈنلەردە تۈركىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ تۈركىيەدىكى يەرلىك خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ياردەم گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا كىشى 3000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە تارقاتقان بولسا، يەنە بىر گۇرۇپپا ماناۋگات ئەتراپىدىكى ياردەم بۇيۇملىرى ئامبىرىغا بېرىپ، توشۇش، رەتلەش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، ياردەم خىزمىتىنى رەسمىي باشلىۋەتكەنىدى.

ياردەم گۇرۇپپىسى 5 – ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندىلا يەنە ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ھالدا جىددىي خىزمەتكە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بىر گۇرۇپپا جىددىي ياردەم مەركىزىدىكى خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىش، ئىككىنچى گۇرۇپپا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم تارقىتىش، ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولسا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان جايلاردىكى خىزمەتچىلەردىن ھال سوراش ۋە ياردەمدە بولۇش خىزمەتلىرىنى قىلغان بولۇپ، چۈشتىن كېيىن يەنە 6000 كىشىلىك ئۇيغۇر پولۇسى ئېتىپ تارقىتىلدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

بۇنىمۇ تەكشۈرۈڭ
Close
Back to top button