خىتاينىڭ 72 يىلدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركسىتان ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىستانبۇلدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

خىتاينىڭ 72 يىللىق شەرقىي تۈركسىتان ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىستانبۇلدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
1-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.
بۇ نامايىش، 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 72 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ نامايىشنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق 28 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلىدى.
نامايىشچىلار يولغا تۇساق قۇرغان ساقچىلار تەرەپكە يۈرۈپ تۇساقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئورۇندى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار بىر بىرىنى ئىتتىرىشىپ كەتتى. ساقچىلار ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ، ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئارقىغا قايتىشقا چاقرىق قىلدى.
نامايىش ئاخبارات ئېلان قىلىش بىلەن داۋام قىلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئاسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشىلتىشكە شۇنداقلا خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدا ۋە تۈرمىلىرىدە ناھەق يېتىۋاتقان مىليونلىغان ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقرىق قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئەرزان باھالىق تاۋار ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا ، يەنە جاھانگىرلىك سىياسىتىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەڭپۇڭلۇق ۋە ئورتاق ئىنسانىي قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورگانلارنى ئىستىلا قىلىپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئورنىۋاتىدۇ. ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چۈشۈرۈلگەن قەرز توزىقى نەتىجىسىدە، بۇ رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدى. پورت ۋە تاشيول قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جايلارنى ئىگىلىۋالغان جاھانگىر خىتاي بۇ يەرلەرنى ئۆزىنىڭ سودا تۈرلىرى ئۈچۈن مۇستەملىكە چۈشەنچىسى بىلەن ئىشلىتىدۇ. ئادالەت، تىنچلىق، باراۋەرلىك ۋە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش سۆزلىرىنى توختىماي جار سالىدىغان خىتاي ئۆزىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنىڭ دەل ئەكىسچە خاراكتېرگە ئىگە. زوراۋان خىتاي 2017-يىلدىن بۇيان، 8 مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقنى ئاتالمىش تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قاماپ قويدى.
نامايىش جەرىيانىدا سۆز قىلغان ھۆر داۋا پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شارافېتتىن گۈلەر خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ھۆر داۋا پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن 72 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ئىشغالىيەتنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالغان 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدە بىر قانچە مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى خالايمەن بىز، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ، زالىم خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈزگەن بارلىق كېلىشىملىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. دۇنيادىكى مەزلۇم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزىشى كېرەك. بىز دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىشنى ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى سۈپىتىدە بىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيمىز. بولۇپمۇ غەربتىكى ۋىجدانلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ سوتلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە چاقرىق قىلىمىز.
نامايىشتا سۆز قىلغان دىنى ئالىم ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئىبارەت، تۇققانلىرىمىز، مال – مۈلكىمىز، ئابرويىمىز، ئىنسانلىقىمىزدىن ئىبارەت قىممەتلىرىمىز تارتىۋېلىندى، بىزنىڭ بۇنداق بىر زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشىمىز ئىمانىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر».
1 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كونيا، قاھرامانماراش، كاستامونۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ خىتاينىڭ ئىشغالىغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.