«13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» بوسنىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ 13-نۆۋەتلىكى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، فرانسىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، رۇسىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچىلار، دىنى ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار بولۇپ، جەمئىي 120 كىشى قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇنقى 12 قېتىملىق يىغىنغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلارنىڭ كونكىرېت پىلانى تۈزۈپ چىقىلىدىكەن.
مەزكۇر ئۇچرىشىشقا يەنە «4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» دەپ ئىسىم بېرىلگەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدامۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بىز «4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» نامىدىكى يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى يمەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى 8-ئۆكتەبىر كۈنىدىن 11-ئۆكتەبىر كۈنىگىچە بوسنىيەنىڭ سارايېۋو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىملىق قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 8-ئۆكتەبىر كۈنى سارايېۋو شەھرىنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىلىدىكەن. -9ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەلەپ ۋە تەقەززاسىغا ماس ھالدا، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش ئۈچۈن تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مەزكۇر يىغىندا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاقىدار بەزى مۇھىم قارارلار ماقۇللىنىدىكەن. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ 1-نۆۋەتلىكى 2009-يىلى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئىدى. بۇ قېتىم مەزكۇر ئۇچرىشىش تۇنجى نۆۋەت تۈركىيە سىرتىدىكى باشقا بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننى بوسنىيەدە ئېچىشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى يىللاردىكى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدا توختالدى.
بۇ قېتىمقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ بەزى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، يىغىندا ھەمكارلىقنى كۈچەيلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بوسنىيە پرېزىدېنتى بىلەن ياۋروپادىكى مۇسۇلمان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن.