پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2013 ‏- يىللىق خىزمەت مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2013 ‏- يىللىق خىزمەت مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 

2013 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ 2013 ‏- يىللىق خىزمەت – پائالىيەتلىرى ۋە پىلان – لايىھەلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 

بۇ يىغىنغا، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىز ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، زەيتىنبۇرنۇ، كۈچۈكچەكمەجە، ئاقساراي قاتارلىق ئورۇنلاردىكى شۆبە مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، ئىستىقلال رادىئو – تېلېۋىزىيە تەشىۋىقات بۆلۈمى، سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى قاتارلىق شۆبە ۋە بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەزالىرى بولۇپ 50 كە يېقىن كىشى قاتناشتى. 

يىغىن ئىستانبۇلنىڭ قايابېشى رايوندىكى باغچىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ خىزمەت – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ۋە خىزمەت قىلىشتا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلدى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: 

كېيىن دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىلگەن بولۇپ ياشلار پۇتبۇل توپ ئوينىدى، باغچىدا ئايلىنىپ ئۆز – ئارا سۆھبەتلىشىپ پىكىر – ئالماشتۇردى. 

يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمىدە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى. 

يىغىندا ئاساسلىقى، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش، پىكىر بىرلىكىنى ساقلاش، خىزمەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، تەشكىلات ۋە جامائەتنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا سۆز قىلىندى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: خىزمەت قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ دەپ ھىس قىلىدىغان پىداكار ئىنسانلاردىن بولۇش كېرەك، خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجە ۋە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر جامائەت بولۇش كېرەك، جامائەتنىڭ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىدە قېرىنداشلىق ئېڭى يېتىلگەن بولۇش كېرەك. 

 

 
Show More

Related Articles

Back to top button
Close
Close