پائالىيەتلەر

«13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاخىرىدا خولاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى. خولاسە دوكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

خولاسە دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيا سىياسىتىنىڭ كۈنسېرى جىددىي ئۆزگىرىشى، چوڭ كۈچلەرنىڭ ئۆزئارا رىقابەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئورنى يۈكسىلىۋاتقان بىر پەيتتە، 13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى ۋەزىيەتكە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش، تۇغۇلۇۋاتقان پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئالدىمىزدىكى بىر يىلدا قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارالغان ھەرىكەتلەرنىڭ كونكرېت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش مەقسىتىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسىي رەھبەرلەر، دىنىي ئالىملار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 2021-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن 10-ئۆكتەبىرگىچە بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ نۆۋەتلىك شۇرانىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاشلا ئۇزۇن يىل كوممۇنىزمنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكىگە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ رەھبەرلىكىدە ئۇزۇن يىللار كۈرەش قىلىش ۋە نۇرغۇنلىغان شېھىتلەر بەدىلىگە ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىققان ۋە ئەركىنلىك يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرگە ئۈلگە بولغان بوسنىيەدە 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 120 دىن ئارتۇق (ئەر-ئايال) ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار:بوسنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇش جەريانى سېلىشتۇرمىسى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى – تەرەققىياتلار ۋە كۈنتەرتىپلەرغەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتى – تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەرئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي سىياسىتى – تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەرئافغانىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىخىتاينىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بولغان سېنارىيەسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەشكىلاتچىلىقتىن دۆلەتچىلىككىچە تەرەققىي قىلىشىشەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى قەدەملىرى ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىدىن سىرت، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە بالقان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر، تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە دىپلوماتلار قاتناشتى. بۇ قىممەتلىك پۇرسەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن قىزىقىۋاتقان تەرەپلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىلدى ۋە كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر ھەققىدە پىلانلار تۈزۈلدى.يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلار:خىتاينىڭ ئورتاق قىممەت-قاراشلارغا ۋە ئىنسانىيلىققا تامامەن زىت بولغان سىياسىي سىستېمىسى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي كۈلتۈرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش؛غەرب دۆلەتلىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ۋە ھەر ساھە شەخسلىرى بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش؛شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسپىيلىشىشنى تېزلىتىش ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى كۈچەيتىش؛شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش؛شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نېگىزلىك پىرىنسىپلىرىنى قوغدىغان ئاساستا، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەرخىل كۈچلەرنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش، ئوخشىمىغان پىكىرلەر ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئورتاق خىزمەتلەرنى كۆپەيتىش؛ تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىققا توسالغۇ بولىدىغان بارلىق ئامىللارغا قاراپ چىقىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، چۈشىنىش، قوللاش ۋە قوغداش روھىنى ئورنىتىش؛ئىسلام ئەللىرى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقان دۆلەتلىرىدە خەلق دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، دەۋايىمىزنىڭ خەلقئارالىشىشىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەر خىل تىللاردا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش؛ياشلارنىڭ تەلىم-تەربىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، كەلگۈسىدە دەۋا سېپىدىكى لاياقەتلىك ياشلارنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش؛شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ۋاز كەچمەس پىرىنسىپىمىز ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت تەكىتلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىش؛تەكلىپ-پىكىرلەر: 13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىغا قاتناشقان تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تۆۋەندىكى تەكلىپ-پىكىرلەرنى سۇندى:خىتاينى قوللاۋاتقان دۆلەت ۋە ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىش؛خىتاي بىلەن چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش؛تارىخىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا چوڭ رول ئوينىغان ئۆلىمالىرىمىز، سىياسىيونلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىش. ئاياللارنىڭ دەۋادىكى رولىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش؛ خىتايغا رەقىب كۈچلەرگە نىسبەتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش؛ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا يېڭى پىلان، قەدەملەرنى تۈزۈپ چىقىش؛ خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم كېلىشىمنامىلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش؛ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىلمىي ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە خەلق دىپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش؛بالقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىلىدىكى كىتاب-ژۇرنال ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش؛ تەشكىلاتلارنىڭ ئاجىزلىق ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ياخشى ئانالىز قىلىش ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئۆزىگە تولۇقلىما دەپ كۆرۈش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە رۇسچە تەشۋىقاتلارنى كۆپەيتىش؛ دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىغا ساھىبخانلىق قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شۇرا جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 2021-يىلى 10-ئۆكتەبىر بوسنىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ، لايىھەلەرنىڭ مۇقەددەس ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم بولۇشى ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇ-ئۈمىدىدۇر. ئاللاھتىن بۇ مۇبارەك غايە-مەقسەتلەرگە يەتكۈزۈشىنى تىلەيمىز.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى، ياشا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ياۋروپا ئىسلام مەجلىسى، فىرانسىيە ئاماناتى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، ئارناۋۇتلۇق ئالسار ۋەقفى، ئىسلام توپلۇمى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى، خەلقئارا دېموكراتچىلار بىرلىكى، جۈملىدىن پائالىيىتىمىزگە ئالاھىدە ھەمدەمدە بولغان بالقانلار رايونى شۆبىسىگە، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ئەزالىرى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزا تەشكىلاتلىرىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىغىن جەريانىدا ئالاھىدە خىزمەت قىلغان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button