جەمئىيەتنىڭ ئايلىق سۆھبەت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى

جەمئىيەتنىڭ ئايلىق سۆھبەت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى
ئۇزۇن زاماندىن بۇيان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر يەرگە جەم بولالمىغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەزالىرى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى جەمئىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ ئۇچراشتى ۋە 10- نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن ئىستىشارە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى، ئەزالار ۋە بىر قىسىم دىنى ئالىملار قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەت – پائالىيەتلەردىن دوكىلات بەردى.
ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى.
كېيىن جامائەت ئەربابىي ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.
يىغىن ئاخىرىدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەزىز تۇران ھاجىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئېلىشىنى، تەشكىلاتلار ئارا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئازادلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.