پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ  ئىستانبۇل – سەفاكۆي رايونىدا شۆبىسى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ  ئىستانبۇل – سەفاكۆي رايونىدا شۆبىسى ئېچىلدى

مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ،  ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا شۆبە ئىشخانىسى ئېچىلدى.

بۇ شۆبىدە 15 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.  ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا شۆبە ئېچىلىشىنىڭ مەقسىتى ۋە  ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

بىز ھەقتە پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە ناھىيىسىگە قاراشلىق سەفاكۆي رايونىدا ئون مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مەسىلىللەرنى ھەل قىلىش، ۋە پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك ھالدا تۈركىيە سىياسىتىدە، تۈركىيە خەلق ئاممىسى ۋە تەشكىلاتلار ئارسىدا تېخىمۇ قانات يايدۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۈرۈش مەقسەتتە شۆبە ئىشخانىسى ئېچىلغانلىقىنى ۋە بۇ شۆبىگە سىراجىددىن كەرىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى، ئاتاۋۇللا خەلپەت ھاجىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىپى دوكتۇر شەۋكەت ناسىر قاتارلىقلار سۆز قىلىپ ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى سەفاكۆي شۆبىسىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ شۆبىنىڭ ئۇيغۇرلار  ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرنى رۇياپقا چىقىرىشقا ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابىي ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى، ھازىر خەلقئارا سەھنىدە  ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلىدىغان جىددى بىر ئۆزگۈرۈش ۋە بۇرلۇشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى  تەكىتلىدى.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆزىدە ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى خىتاي زېمىنىغا ئەبەدىيلىك قېتىۋېلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىۋېتىش ۋە ئىز – دىرەكسىز يوق قىلىۋېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى دەۋا قىلىدىغان كىشىلەرنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىنسانىي جىنايى قىلمىشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى نامىدا خەلقئارا كۈنتەرتىپىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ شۇنچە بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ پىسەنت قىلماستىن تېخىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇپ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۈگۈن خەلقئارادا شۇنچىۋالا ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ بۈگۈن خەلقئارانىڭ ھېچ قانداق گېپىگە پىسەنت قىلماي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى، ھاياتلىققا قارشى ئىشلەۋاتقان جىنايىتىنى كۈندىن كۈنگە ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، بۇ مىللەتنىڭ ئىززەت – ئابرويى، كىملىكى، ۋىجدانى، مەدەنىيىتى، ئەقلى – مۈلكى، ئۆرۈپ – ئادىتى قاتارلىق ھەممىگە ئوخشاش تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ».

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتكۈل تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكىتىدە ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئاساسىي غايە – مەقسەت ئۈچۈن ئورتاق ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقرىق قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006 – يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان. زەيتىنبۇرنۇدىكى شۆبىسىدە خىزمەت – پائالىيەتلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 15 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى سەفاكۆي رايونىدىمۇ شۆبە ئېچىپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button