خەۋەرلەر

شېھىت ۋە قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا تەكلىپ

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز بولغان 12-نويابىر ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنى خاتىرىلەش، ۋەتەن مۇستەقىللىقى يولىدا بارلىقىنى بېغىشلىغان شېھىتلەرنى، قەھرىمانلارنى ئەسلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، سىمۋوللۇق بىر كۈن.
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شەرىپى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئالاھىدە كۈن ئۈچۈن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلار بىرلىكتە 12-نويابىر كەچتە جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇردى. بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى مۇراسىمغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.

ئورۇن: زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى (ئاق دېڭىز سالونى)
ۋاقىت: 12-نويابىر (جۈمە)، سائەت 19:00
(سەفاكۆي ۋە باشاقشەھىردىن مەخسۇس ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى)

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button