پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

12 – نويابىر جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، 1933- ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر – سەنئەت مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.

مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئېچىلىشى سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە 12-نويابىردىكى بۇ قۇتلۇق كۈندە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش، شېھىتلەرنى ياد ئېتىش ۋە ئۇلارغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، شۇنداقلا 21-ئەسىر ئۇنىۋېرىسىتېتى قانۇنشۇناسلىق فاكولتېىتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسۇر جەلال ئەرباي ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ھۆرمەت بىلەن بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى.

پروفېسسۇر جەلال ئەرباي مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەرمايىسى بىزلەرنى بىر – بىرىمىزگە سېلىپ، ئۆزئارا قارشىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بىزلەرنىڭ ئارىمىزغا پىتنە – ئىغۋا تېرىپ، ئىناقلىقىمىزنى بۇزۇشنى، بىرلىكىمىزنى پارچىلاشنى مەخسەت قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۆزئارا قارشىلىشىپ، پارچىلىنىپ كېتىشىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەتتۇر. بىراق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم دۈشمەننىڭ بۇ قىلتاقلىرىغا پىسەنت قىلماي شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى قۇردى. دۈشمەن مەقستىگە يېتەلمىدى.»

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلى، يېڭىدىن رىفاھ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى فاتىھ ئەرباكان ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەپ يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلغان كېلىچەك پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇغۇر ئاۋنى باشارىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلارنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالىمىز؟ سۈكۈت قىلىۋاتقانلاردىن شۇنى سورايمەنكى، ھەميانىڭىز ۋىجدانىڭىزنىڭ ئالدىغا ئۆتتىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىسىلەر؟»

شۇندىن كېيىن سۆز قىلغان ھۆر داۋا پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شەرافاتتىن گۈلەر مۇنداق دېدى: «بۇ كېچە بۇ زالدىكى ياشلار بىلەن بىرلىكتە 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىگەن بولدۇق. ھالبۇكى، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئىمانلىق ۋە ئىخلاسمەن بۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ۋەتىنىگە بولغان ئۈمىدى، ماڭىمۇ كەلگۈسىدە چوقۇم يېڭىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئۈمىد ئاتا قىلدى. »

خاتىرىلەش مۇراسىمى جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى ئەسلەپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ناخشا ئورۇنلىدى.

تۈركىيە – رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ سەنئەتچىسى بۇنيامىن ئاقسۈنگۇر ئەپەندى دۇتتار ۋە راۋاپ بىلەن تەڭكەش قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا «ئاچىل»، «ئۇچراشقاندا» دېگەنگە ئوخشاش مەشھۇر ناخشىلارنى ئېيتىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى يوقۇرى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

يىغىندا يەنە قاھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرىستىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، 1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭدىن كېيىىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار سۆز قىلىپ، 1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇھمۇرىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

خاتىرىلەش مۇراسىم ئاخىرىدا دىنى ئالىم نىياز داموللامنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button