پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

10‏-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

بۇ يىغىننى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. بۇ يىغىنغا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى قاتارلىق چوڭ ئاخباراتلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە ئالاقىدار تەييارلىغان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر شەۋكەت ناسىر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بولۈش سۈپىتىمىز بىلەن ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى 72 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان كۈندىن بۇيان، ئومۇمىي جەھەتتىن خىتاي پۇقرالىرىغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكىي مۇڭغۇلىيەگە ئوخشاش ئىشغال قىلىۋالغان رايونلارنىڭ خەلقلىرىگە ئوخشىمىغان شەكىلدە قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئىشغالچى ھاكىمىيىتى يۈرگۈزىۋاتقان قىيىن-قىستاق، زىيانكەشلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى ‹ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› نىڭ ماددىلىرىغا خىلاپتۇر.»

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان يەنە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا» دېگەن ھۆكۈمنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى تەبرىكىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «9‏-دېكابىر ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىقتى. خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشنىڭ ‹خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› نىڭ ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارا قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ئىسپاتلاندى. بىز بۇ توغرا قارارنى ئالغان ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نى تەبرىكلەيمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئەڭ دەسلەپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنى بېسىشقا چاقرىق قىلىمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلەىپ، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دە بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلاردىن بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېچ قانداق بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى، تۇپراق ھەق-ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك ھەق-ھوقۇقى ئەڭ نېگىزلىك ھوقۇقلار توغرىسىدا بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تارىخىي قارار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە مۇھاجىرەتتىكى باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى

دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ئەپەندى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھۆكۈمىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن 70 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا قولغا كەلگەن چوڭ بىر نەتىجەئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقرىق قىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button