پائالىيەتلەر

مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم ۋاپاتىنىڭ 5 يىللىقى خاتىرىلەندى

22 – دېكابىر چارشەنبە كۈنى مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ خاتىرلەش يىغىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا مەرھۇمنىڭ دوست – يارەنلىرى، سەپداشلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلار، ئۆلىمالار، شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ھاياتى، ئىش – ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنىڭ ھەرقايسىي ساھەلىرىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان پىداكار بىر دىنىي ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇھاجىممنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر پارچىسىدەك ياكى بىر ئەزاسىدەك جان-دىلى بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى سۆز قىلدى. ئۇ مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر – بىرى بىلەن ياراشتۇرىدىغان، بىر – بىرى بىلەن يېقىندىن باغلاپ كەلگەن بىر كۆۋرۈكلۈك شەخس بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىراجىدىن ئەزىزى يەنە مەرھۇم مەخسۇمھاجىمنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كەسپلەشتۇرۇشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

يىغىندا يەنە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى جالال ئەرباي، مەرھۇمنىڭ سەپدىشى ئابدۇقادىر ياپچان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى مەريەم تەكلىماكان خانىم، ئوغلى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلۋاھاپ قارىم، گېرمانىيەدىن كەلگەن ئابدۇجېلىل قارىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنى بىرلىكتە قۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە دوستلۇقىمىزنى داۋام قىلغان قىممەتلىك دەۋا ئادىمى سەپدىشىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان ئىدۇق، نەچچە يىل بىرلىكتە خىزمەت قىلغان ئىدۇق. ئاللاھ مەرھۇمغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ بىزنى بىر يەرگە جەم قىلدى، ئۇنىڭ خىزمەتلىرى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بىزلەرگە ئاڭ – چۈشەنچە ئۆگەتتى، بىزلەرنى ئويغاتتى، ئۇ بىزنى كۆك بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، دەۋانى ئالغا ئىلگىرلىتىشكە چاقىراتتى،  ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، بىز ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلىكىتە ھەرىكەت قىلدۇق، ئاللاھ مەرھۇمغا رەھمەت قىلسۇن!»

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ نىشان – غايىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز قاچان مەخسۇمھاجىم ئاكىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ غايىسىنى، يەنى شەرقىي تۈركسىتاننى مۇستەقىل قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلغاندا، ئۇنىڭ روھىنىڭ شات بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!»

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا باشتىن-ئاخىر سەمىمىي بىر دەۋا ئادىمى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.

مەرھۇم دىنىي ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم 2016 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى سەھەردە ئىستانبۇلدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان ئىدى. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى سالامەتلىكىدە ھېچقانداق بىر مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىگە ئېنىق دىئاگنوز قويالمىغان. مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپات بولغاندا ئەمدىلا 53 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى پۈتۈن دۇنيادىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغان ئىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button