خەۋەرلەر
نامايىشقا چاقرىق

بۇندىن 25 يىل مۇقەددەم (1997-يىلى 5-فېۋرال) شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنى خاتىرىلەش ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى، تىنچلىق ۋە ئادالەتنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشغالىيەتچى خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئورنى: خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدى (سارىيەر)
ۋاقتى: 4-فېۋرال (جۈمە)، سائەت 11:00
نامايىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇس ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.
سەفاكۆي چارداقلى بېكەت، سائەت 09:00
زەيتىنبۇرنۇ مارماراي بېكەت، سائەت 09:00
باشاقشەھىر 1= ئەتاپ، سائەت 09:00
سەلىمپاشا ئۇيغۇر قورۇسى ئالدى، سائەت 07:30
