ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىياتى: «ئالىي كومىسسارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق زىيارىتى چەكلىمىسىز بولۇشى كېرەك»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ خىتاي بىلەن 2018-يىلى 9-ئايدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش پىلانى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى بىر خەۋىرى، شۇنداقلا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى بىلەن يەنە خەلقئارا قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا مۇستەقىل ۋە چەكلىمىسىز بولمىغان ھەرقانداق زىيارەت ياكى تەكشۈرۈش ئۇنىڭ چىنلىقىغا دەخلى يەتكۈزۈدىغانلىقىغا ئائىت ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلېتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىملىكىدىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىم يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلغانلىقى، بىراق زىيارەتنىڭ «دوستانە» زىيارەت بولۇشى، «تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلماسلىق» نى تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.
لېكىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ باياناتچىسى راۋىنا شامداسانى (Ravina Shamdasani) 1-فېۋرال كۈنى رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان زىيارەت مۇمكىنچىلىكىگە دائىر سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئەمما زىيارەتنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە كونكىرېت ۋاقتى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.
ئۇ بۇ ھەقتىكى سۇالىمىزغا قارىتا مۇنداق دېدى: «ياق، لېكىن ئېلىپ بېرىلىدىغان زىيارەت مۇمكىنچىلىكىگە دائىر سۆھبەت داۋاملىشىۋاتىدۇ. زىيارەتنىڭ شەرتلىرى ئالاقىدار ھۆكۈمەت بىلەن مۇزاكىرە قىلىنماقتا. ئەڭ مۇھىمى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇشىدۇر. زىيارەتنىڭ سەۋەبى نەق مەيدانغا ئائىت 1-قول چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە چېتىشلىق بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىشتۇر. بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىش ئۈچۈن زىيارەتنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىشى مۇھىم. زىيارەتتە ئۇ (ئالى كومىسسار) نازارەتتىن خالىي ھالدا ئاممىۋى جەمئىيەتلەرتىكى بارلىق كىشىلەر (ئاكتىيورلار) بىلەن كۆرۈشەلىشى ۋە خالىغان يەرلەرگە بارالىشى، شۇنداقلا يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئۈچرىشالىشى كېرەك. شۇڭا زىيارەت توغرىسىدىكى سۆھبەت داۋام قىلىۋاتىدۇ.»
راۋىنا شامداسانى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق زىيارىتى «چەكلىمىسىز» بولۇشى كېرەك ئىكەن. راۋىنا شامداسانى بۇ ھەقتىكى سۇئاللىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا، باشېلېتنىڭ زىيارىتىدە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە ژورنالىستلار بىلەن نازارەتسىز ئۇچرۇشىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كىملەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ھەرقانداق زىيارىتىنىڭ شەرتى ھەقىقىي رەۋىشتىكى زىيارەت بولۇشى، رايوندا چەكلىمىسىز ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارالىشى لازىم. ئۇ رايوندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە ژورنالىستلار بىلەن نازارەتتىن خالىي ھالدا ئۇچرىشالىشى كېرەك. قىسقىسى، ھەقىقىي رەۋىشتىكى زىيارەت بولۇشى ھەمدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشەلىشى لازىم.»
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈشىگە يول قويغاندىلا بېرىشى كېرەك ئىكەن. گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەھلىھەتچىسى ھاننو شەدلېر 1-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەكسىنچە بولغان ھەرقانداق زىيارەتنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغىلا يارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاننو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (باشېلېت) ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان سانسىز جىنايەتلىرىنى مۇۋاپىق تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلغاندىلا بېرىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت دوستانە زىيارەت ئۈچۈن كەلسىڭىز بولىدۇ، دېگىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتى، خالاش. بۇ دېگەنلىك ‹ئۇ شەرتسىز بارالمايدۇ› دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئۇ بۇ ئەھۋالدا ياكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ياكى ئۆزىنىڭ تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.»
مىشېل باشېلېت ئۆتكەن يىلى ب د ت كىشلىك ھوقۇق كومىسسارىياتى ئىشىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلاپ، تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بىراق بۇ دوكلاتنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلمىغان ئىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ ب د ت باش كاتىپى گۇتېررىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسسارى باشېلېت بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ دوكلاتنى بېيجىڭ قىشلىك ئولىمپىكىدىن بۇرۇن ئېلان قىلماسلىقنى قاتتىق تەلەپ قىلغان ئىكەن.
لېكىن ھاننو شەدلېر، خىتاينىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھاننو شەدلېر مۇنداق دېدى: «بىز باشېلېت ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرشتە چىڭ تۇرۇشى، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. خىتاي دوكلاتتىكى بەزى مەزمۇنلارنىڭ ئاشكارلىنىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەر بىلەن بارماسلىقى، ئۇ پەقەت بايقىغان دەلىللىرىنى دۇنياغا دېيەلەيدىغان ئەھۋالدىلا بېرىشى كېرەك.»
راۋانى شامداسانى 1-فېۋرال كۈنى بىزگە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونى ھەققىدە دوكلات تەييارلىغانلىقىنى دەللىگەن بولسىمۇ، بىراق دوكلاتنىڭ كونكىرېت قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارلاشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر دوكلاتنىڭ ئاخىرىقى نۇسخاسى كۆرۈپ چىقىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا دوكلاتنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىغا دائىت ۋاقىت جەدۋىلى يوق ئىكەن. دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن راۋانى شامداسانى مىشېل باشېلېتنىڭ دوكلاتنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، تەييارلىنىۋاتقان بىر باھالاش دوكلاتى بار. باھالاش دوكلاتىنىڭ ئاخىرىقى شەكلى داۋاملىق كۆرۈپ چىقىلماقتا. شۇڭا مەندە ئۇنىڭ قاچان خۇلاسىلىنىپ، ئېلان قىلىنىدىغانلىقىغا ئائىت كونكىرېت ۋاقىت جەدۋىلى يوق. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرىقى شەكلى باھالىنىۋاتىدۇ. يەنى ئاخىرقى شەكلى باھالىنىپ بولۇنمىدى، داۋاملىق باھالىنىۋاتىدۇ. شۇنداق، مەندە ئۇنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىغا ئائىت ۋاقىت جەدۋىلى يوق. بىراق ئالىي كومىسسار دوكلاتنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا ۋەدە قىلدى.»
ئۇ يەنە دوكلاتنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنماسلىقىدا خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا، ئۆزىنىڭ كونكىرېت ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقىلىقى، بىراق كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىياتىنىڭ دائىم «ئوخشىمىغان دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبلەردىن بېسىمىغا ئۇچراپ تۇرۇدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. راۋانى شامداسانى يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا دائىر كونكىرېت ئەھۋالدىن خەۋىرىم يوق. بىراق شۇنى سىزگە ئېيتاي، كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىياتى بولۇش سۈپىتىدە بۇ ئورگەان دائىم ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبلەردىن بېسىمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىلەر بىزگە ۋەزىيەت توغرىسىدا ئىلھام بەرسە، بەزىلار ۋەزىيەتنى سۆزلىشىمىزنى توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا بېسىم، يەنى ھەر خىل بېسىملار ئاستىدا ئىشلەشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق.»
لېكىن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىكى ھاننو شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ قانچىلىك راستنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالىشى ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل خىتاينىڭ كونترولى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاننو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «بىز نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن بىلگىنىمىزدەك، شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلىش تېخىمۇ مۈشكۈل بولۇپ قالدى. چۈنكى بەزى كىشىلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىدا گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار دۆلەتنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ب د ت نىڭ ھەرقانداق بىر تەكشۈرگۈچى خادىمىغا ھەرگىز راست گېپىنى سۆزلىمەسلىكى مۈمكىن. شۇڭا كىشىلىك ئالىي كومىسسارى ئۇنىڭ شەرتى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى ئۇچرايدىغان بۇ قىيىن ئەھۋالنى ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك.»
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بەش ھەپتە داۋاملىشىدىغان 2022-يىللىق پەسىللىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى 28-فېۋرال باشلىنىدىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتچىلەر ۋە دىپلوماتلار كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت كۆزنىكىنىڭ تاقىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، مىشېل باشېلېتنىڭ دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شاھىتلار ۋە گۇۋاھچىلارنى تەكشۈرۈش ھەم زىيارەت قىلىش ئاساسىدا تەييارلانغان ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن