خەۋەرلەر

خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى بىنگال دوكىلاتىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى بىنگال دوكىلاتىنى ئېلان قىلدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى تەشكىلاتى بىنگالدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە ئالاقىدار تەييارلىغان دوكىلاتىنى ئېلان قىلدى. 

خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بىنگالدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە ئالاقىدار دوكىلاتى ئىستانبۇل ئەيۇبتىكى باھارىيە مەۋلىۋىيخانادە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئېلان قىلىندى. 

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 

بۇ يىغىنغا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ تەكلىپ قىلىنىشى بۇ تەشكىلات شەرقىي تۈركسىتاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى يېقىندىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. 

خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى قانۇنسىزلىق، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر بولۇپمۇ دۆلەت ئەمەلدارلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىشىلىگەن جىنايى قىلمىشنى تەكشۈرۈپ تەتىقىق قىلىش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى يېقىندىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى. 

خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى تەشكىلاتى يېقىندا بىنگالغا 14 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئەۋەتكەن بولۇپ بۇ ھەيئەت بىنگالدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە بىنگال ئادالەت مىنىستىرى،يۇقىرى سوت مەھكمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ،  بىنگال ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەئىسى غۇلام  ئەزەم  قاتارلىق 12 كىشىنىئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا ئېتىزا بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 

ئىگەللىنىشىچە بىنگال تۈرمىىسدە ھازىر بىنگال ئىسلام پارتىيىسىنىڭ 5000 دىن ئارتۇق ئەزالىرى قاماقتا ئىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا جانسۈي جەمئىيىتىنىڭ ئىزمىر شۆبە باشلىقى سۆز قىلىپ، بىنگالدىكى ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەئىسى غۇلام ئەزەم قاتارلىق 12 كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى، ھىندىستان ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بىنگالنىڭ دېڭىز يولىنى ۋە ئېنىرگىيىسىنى  قولغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە بىنگالنىڭ ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ دۆلەتتە تىنچسىزلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

ش.ت.م.ب خەۋىرى

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close