خەۋەرلەر

خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلدى

4 – يانۋار سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن 200 ئەتراپىدا كىشى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئالدىغا جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرى قامالغان خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئالدىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا جەم بولدى. بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا ”ئائىلىمىز قەيەردە؟“، ”خىتاي تۇققانلىرىمىزنى ئەركىن قويۇپ بەر!“، دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى.

ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ  ئالدىدىكى مەيداندا، جىنايەتچى دەپ قارالغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، چىنچۈەنگو قاتارلىق 120 خىتاي ئەمەلدارىنىڭ رەسىملىرى يەرگە قويۇلغان بولۇپ بۇ رەسىملەر ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئادۋۇكات گۈلدەن سۈنمەز قاتارلىق 10 كىشىدىن تەركىپ تاپقان تۈرك ئادۋۇكاتلار گۇرۇپىسى، ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىش ئۈچۈن جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنۇلدى. ئەرزنامىنى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن تۈرك ئادۋۇكاتلاردىن گۈلدەن سۈنمەز، رۈمەيسا كابائوغلۇ، مۇھەممەت فۇرقان يۈن قاتارلىق 10 ئادۋۇكات بىرلىكتە سۇندى.

گۈلدەن سۈنمەز خانىم، توققۇزى تۈركىيە پۇقراسى بولغان جەمئىي 19 نەپەر ئەرز قىلغۇچىغا ۋاكالەتەن، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرمۇ جازا لاگىرلاردا تۇتۇلىۋاتقان ياكى ئىز دىرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن 116 زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچى ۋە لاگىرلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرزنامە سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.   

ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرزنامىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، گۈلدەن سۈنمەز، رۈمەيسا كابائوغلۇ، مۇھەممەت فۇرقان يۈن قاتارلىق ئادۋۇكاتلار بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتنى ئوقۇغان ئادۋۇكات گۈلدەن سۈنمەز خانىم،  خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا قارىتا، ”ئىرقىي قىرغىنچىلىق“، ”قەستەن ئۆلتۈرۈش“، ”رەھىمسىزلەرچە قىيىن – قىستاققا ئېلىش“، ”ئىزدىرەكسىز يوقىتىش“ قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

گۈلدەن سۈنمەز خانىم سۆزىدە، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن كىشىلەرگە قارىتا يۈرگۈزىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ، تۈركىيە جازا قانۇنىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇن ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈلدەن سۈنمەز خانىم، خىتاينىڭ سىياسىي ئەمەلدارلىرى، جازا لاگىرلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ساقچىلار، خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان 112 كىشىنىڭ تىزىملىكىنىڭ جىنايەتچى دەپ قارىلىپ تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ”ئىرقىي قىرغىنچىلىق“، ”قىيىن – قىستاق“، “ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر“ دائىرىسى ئىچىدە  سوتقا تارتىلىشى ۋە جاۋاپكارلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىپ، تۇتقۇن قىلىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ئۇرۇق – تۇققانلىرى خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ گۇۋاھلىق بېرىپ سۆز قىلدى.

پائالىيەتچى  نۇرمۇھەممەت ئۇيغۇر 2016 – يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئائىلەم بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتىمەن. دادامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى باشقا بىر يەردىن ئاڭلىدىم. دادام تۇرىدىغان ئۆيمۇ پىچەتلىنىپتۇ. بىر ئۇيغۇر بولۈش سۈپىتىم بىلەن، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، تەپتىش ۋە سودىيەلەردىن ئادالەت تەلەپ قىلىمىز، جىسمىمىز بىلەن بۇ يەردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ بىراق روھىمىز بۇ يەردە ئەمەس».

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر ئاكتىپلاردىن جەۋلان شىرمۇھەممەت سۆز قىلىپ، تۈركىيەگە كېلىپ قانۇنشۇناسلىق فاكولتېتىدا ئوقۇغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى سەۋەبىدىن ئانىسى سۈرىيە تۇرسۇننىڭ  خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا تۇتۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئانامنىڭ پەقەت بىرلا جىنايىتى مېنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقىم. مېنىڭ قانۇن ئوقۇغانلىقىم ئانامنى قۇتۇلدۇرالمىدى دەل ئەكىسچە ئۇنىڭ تۈرمىگە قامىلىىشىغا سەۋەب بولدى. دۇنيادا ئادالەت بار بولسا جازا لاگىرلىرى ۋە قىيىن – قىستاقلار نېمە ئۈچۈن داۋام قىلىدۇ؟، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق. دۇنياۋىي ھەق – ھوقۇق قانۇنىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئەرز – شىكايەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئادۋۇكات مۇھەممەت فۇرقان يۈن، خىتاينىڭ دۇنيا جامائىتى ئالدىدا جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ب د ت بىخەتەرلىك كومېتىتىنىڭ دائىمى ئەزاسى  بولغان خىتايغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قىيىن – قىستاق جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزۈلىشى كېرەك. خەلقئارا جامائىتى، جازا ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچى بىلەن بارلىق جازا لاگىرلىرىنى تاقاش كېرەك. ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلىشى، جىنايەتچىلەر سوتقا تارتىلىشى كېرەك.بۇ جەرىياننىڭ تۈنجى قەدىمى ئىستانبۇلدا تۈركىيە تەپتىش مەھكىمىسىدە بېسىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇلىشى ئۈچۈن مۇپەتتىشلەر ۋە دۆلەتنىڭ پۈتكۈل مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك». مۇسا ئارسلانتاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button