خەۋەرلەر

خىتاينىڭ 1000 دوللارلىق رېكلام تەلىپىنى رەت قىلغان ئىككى نەپەر ئەرەب ياش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سىنئالغۇ فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى

خىتاينىڭ 1000 دوللارلىق رېكلام تەلىپىنى رەت قىلغان ئىككى نەپەر ئەرەب ياش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سىنئالغۇ فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى

ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئىجتىمائى ئالاقە تورى بولغان فېسبوكتىكى  2brothers  يەنى ئىككى قېرىنداش نامدىكى سەھىپىدە 2021 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 5 مىنۇتلۇق بىر سىنئالغۇ فىلىمى تارقىتىلدى. بۇ سىنئالغۇ فىلىمىدە ئەنەس ھەبىب، تارىق ھەبىب ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئەرەب ياش ئەرەب تىلىدا، بىز نېمە ئۈچۈن مىڭ دوللارلىق رېكلامنى رەت قىلدۇق؟ دەپ ئۆز ئۆزىگە سوئال قۇيۇش بىلەن سۆزىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ رېكلامنىڭ بىر خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى، خىتاي شىركىتى ئۇلاردىن، خىتاينىڭ 2022 قىش ئولمىپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن خىتايلارنىڭ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، كورونا ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى ئالغانلىقىنى، تەنتەربىيەچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانىقىنى، خىتاي خەلقىنىڭ ئولىمىپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا بەك قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىنئالغۇ ۋىدىئو ئىشلەپ تارقىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە مىڭ دوللار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ ئىككى نەپەر ئەرەب ياش خىتاي شىركىتىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەركىنلىكى چىقىشى توغرىسىدا سىنئالغۇ فىلىم ئىشلەپ تارقاتقان. ئۇلار تارقاتقان سىنئالغۇ فىلىمىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ رېكلەپ تەلىپىنى رەت قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرلىرىغا قامىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىبادەتلىرىگە، مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقى، دىنى، تىلى، كىملىكىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاسىمىلاتىسىيە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى يىغىۋېلىپ، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش يەنى ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن مىڭ دوللارلىق رېكلام تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي شىركىتىنىڭ تارىق ۋە ئەنەس ئاكا – ئوكالاردىن تەلەپ قىلغان، مىڭ دوللار قىممىتىدىكى سىنئالغۇ ئىشلەش رېكلام فىلىمىنىڭ شەرتلىرى بولسا،  خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئورۇنلىرىنى ، قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ تەييارلىقىنى كۆرسىتىش. خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ جەرىيانىدا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى ۋە  تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە خىتايلارنىڭ قىزغىنلىقى ھەققىدە سۆزلەش. خىتاينىڭ داۋاملىق سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، دۇنيانى ۋاكسىنا ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنى سىنئالغۇدا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئىككى ئاكا – ئوكىلار، خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس بىر سىنئالغۇ فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى. ئۇ سىنئالغۇ فىلىمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرەب دۇنياسىغا خىتاپ قىلىپ، خىتايغا بايكوت قىلىش ۋە  خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ماراكاشتا تۇتۇلۇپ قالغان ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقرىق قىلغان.

سىنئالغۇ فىلىمدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تارىق  ھەبىب ۋە ئەنەس ھەبىب ئىسىملىك بۇ ئىككى ئاكا – ئوكىنىڭ خەلقئارالىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان فېسبوك سەھىپىسىدە بىر مىليون 900 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىشلەپ تارقاتقان سىنئالغۇ فىلىمى، فېسبوك سەھىپىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر مىليون 100 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن، 5200 كىشى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن، 73 مىڭ كىشى تەرىپىدىن ياقتۇرغانلىق ئىشارىتى بېرىلگەن،  2500 دىن ئارتۇق پىكىر- ئىنكاس يېزىلغان. پىكىر ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، بۇ ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەننى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بولۇپمۇ ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇغان ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ پات ئارىدا ئەركىنلىككە چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشكەن.

تارىق ھەبىب ۋە ئەسەن ھەبىب ئىسىملىك بۇ ئىككى ئاكا – ئوكىنىڭ يوتۇبى قانىلىدا بىر مىليون 290 مىڭ مۇشتىرىسق بولۇپ، مەزكۇر فىلىم يوتۇبى قانىلىدا ھازىرغىچە 55 مىڭدىن ئارتۇق قېتىم كۆرۈلگەن.

ئۇلار تارقاتقان سىنئالغۇ فىلىمدە يەنە ماراكاش ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، ماراكاشتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىدرىس ھەسەننى ئەركىن قويۇپ بېرىشكە چاقرىق قىلغان.

ئەنەس ھەبىب، ئەرەب دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلغان، ئۇ سۆزىدە، ئىدرىس ھەسەننى جىنايەتچى دۆلەتكە قايتۇرماسلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك دېگەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كۆپ تارقىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنداق قىلغاندا، ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇش قارارى ئالغان ماراكاشلىق مەسئۇل ئەمەلدارغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە قاراردىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىگەن.

ئەنەس ھەبىب سۆز قىلىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ 2022 يىللىق بېيجىڭ قىش ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسنى كۆپنچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بايكوت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ماراكەش ھۆكۈمىتى، ماراكەش خەلقى ۋە ئەرەب دۇنياسىنى، خىتايغا بايكوت قىلىشقا، ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقرىق قىلغان.

تارىق ھەبىب ۋە ئەنەس ھەبىب ئىسىملىك بۇ ئىككى ئاكا – ئوكىنىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا يېزىلىشىچە، ئۇلار ئەسلى مىسىرلىق ئەرەب بولۇپ،  گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردەم شەھرىدە ياشايدىكەن.

بىز ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇچۇر يازغان بولساقمۇ ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

تارىق ھەسەن، گوللاندىيەنىڭ ئامستىردەم شەھرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئېچىۋاتقان ئابدۇرېھىم ئابدۇغېنىنى زىيارەت قىلغان جەرىياننى سىنئالغۇغا كىرىشتۈرگەن بولۇپ ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھەر زامان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىراق ئەرەب ھاكىميەتلىرىنىڭ سېستىمى سەۋەبىدىن قولىدىن ھېچ بىر ئىش كەلمەيدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مۇسا ئارسلانتاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button