«يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» خىتاينىڭ يالغان باياناتىغا رەددىيە قايتۇردى

«يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» بارلىق ئىسلام مەزھەپلىرى ۋە پىكىر ئېقىمىدىكى مۇسۇلمان دىنىي ئۇلىمالىرىنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ چېگرا ھالقىغان ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ باش شتابى ئىراققا جايلاشقان. ئۇلار بۇ يىل 1-ئاينىڭ4-كۈنى مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى ئىمام مۇھەممەد باقىر ئەل بۇدايرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلغان 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ۋە بېرىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى، يەنە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازغان: «بىز بېيجىڭ2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز».
«يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنى «خىتاي دۆلەت ئاخباراتىدىكى خاتا باياناتقا رەددىيە» ماۋزۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى بولغان «يەرشارى» گېزىتىدە يۇقىرىدىكى بايان ھەققىدە يېزىلغانلارنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكى، «يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» دۇنيادا تەسىرى چوڭ بىر تەشكىلات. بۇلار بىر ئاي بۇرۇن بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق ئەنسىرەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن ھەپتە ‹يەرشارى› گېزىتىدە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلان قىلغان بايانات يالغان ئىكەن، ‹ئەرەب خەۋەرلىرى› ناملىق گېزىت ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپتۇ، بۆلگۈنچى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ئىماملار كېڭىشىگە خاتا مەلۇمات بېرىپتۇ، ئۇلار باياناتىنى قايتۇرۇۋالدى. ئىماملار كېڭىشى بىزدىن ئەپۇ سورىدى دەپ بايانات ئېلان قىلىپتۇ».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «يەرشارى» گېزىتىدىكى خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن «يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» مەسئۇللىرى ئىزدەپ كۆرۈشكەنلىكى، ئىماملار كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ بۇ يالغان خەۋىرىگە رەددىيە قايتۇرۇپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «راستىنىلا سىلەر مۇشۇنداق بايانات بەردىڭلارمۇ؟ ئەگەر بەرگەن بولساڭلار بەكلا ئەپسۇسلاندۇق. بىز سىلەرگە خاتا مەلۇمات بەرمىدۇق دېدۇق. ئۇلارمۇ خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، خىتاي مۇخبىرلارنىڭ ياكى خىتاي دېگەن ‹ئەرەب خەۋەرلىرى› گېزىتىنىڭ ئۇلارنى زىيارەت قىلمىغانلىقىنى، ‹يەرشارى› گېزىتىدىكى خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما خەۋەر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. 2-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ يالغان باياناتىغا رەددىيە قايتۇرۇپ، بۇ باياناتنى ئېلان قىلىپتۇ».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلىتى، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىغا، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى يېنىغا ئېلىپ تۇرۇپ قارشى چىقىۋاتقان ئىكەن، شۇڭا ئىسلام دۇنياسى ھەرىكەتكە كەلسە دۇنيادا يالغۇز قېلىشتىن قورقۇپ سەراسىمغا چۈشكەنىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە توختالدى.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىدە يالغان سۆزلەپ تۇرۇپ مەنپەئەتنى قولغا چۈشۈرۈشنى نورمال دەپ قارايدىغانلىقىنى، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى
قوللىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غىمۇ مەكتۇپ يوللاپ مەزكۇر تەشكىلات قارمىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانىكەن.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم خەۋىرى

