«دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا قارىتا ئىنكاسلىرى» ناملىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلار ئېلىندى

1 – ئاينىڭ 29 – 30 – كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا قارىتا ئىنكاسلىرى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلار ئېلىندى.
ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 17 مۇسۇلمان تەشكىلاتى بىرلىكتە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنياۋى مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى» قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ماقۇللىغان.
يىغىندا ئېلىنغان قارارنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان تەشكىلاتلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋەدە بېرىمىز. ئالدى بىلەن خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى مۇستەقىل ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى قارارىنى ئەسكەرتپ ئۆتىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تىنچلىق ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلغان ئىسلام قىممەت قارىشىنى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. بىز ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بېرىمىز ھەمدە ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. بىز ھاياتى خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىر ئېلىشقا تىرىشىمىز. بىز ئۇيغۇر ۋە بارلىق تۈرك مۇسۇلمانلارغا، شۇنداقلا ئىسلامغا قارىتىلغان دۈشمەنلىككە جىددىي ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىمىز. بىز دىنىي ساھەدىكى زاتلارنى، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىز باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قارار ئېلىشقا ۋە تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈچۈن مەخسۇس دوكلات تاييارلايدىغان خادىم ئاجرىتىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز ھەرقايسىي دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە خەلقئارا سوت مەھكىمىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز! »
بۇ قارارنامىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، «21-ئەسىرىدىكى ئىسلام»، «ھىندونېزىيە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى»، «ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى كېڭىشى»، «مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى»، «مالايسىيا يەر شارى تىنچلىق ئەلچىسى تەشكىلاتى»، «ھىندونېزىيە —PRIMA»، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى قاتارلىق خەلقئارادىكى 17 تەشكىلات بىرلىكتە ئىمزالىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «دۇنياۋىي مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى بەرپا قىلىشنى قارار قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، بۇ يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلار مۇنبىرى — «دۇنياۋىي مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى» قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگەنلىكىنى، قىسمەن بولسىمۇ ئىسلام دۇنياسىدا كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىنكاسلاردىن ئۈمىدلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، بۇ يىغىندا يەنە بۇ يىل رامىزان ئېيىدىن كېلەر يىلى رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسجىدلەردە جۈمە خۇتبىلىرىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى جامائەتكە يەتكۈزۈش قاتارلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش






