ياپونىيە پارلامېنتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە قارار ماقۇللىغان

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى 1-يانۋار كۈنى مەخسۇس قارار ئېلىپ «خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ھۆكۈمىتىمىز تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشى لازىم» دەپ جاكارلىدى. بۇ قارارنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىشى، ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىي سىياسەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماي كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پارلامېنت قارارى ياپونىيە ئۈچۈن كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان بىر قېتىملىق قارار ھېساپلىنىدىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېيجىڭدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى پارلامېنت قارارى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ چىشىغا تەگكەنلىك بولىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىرنەچچە قېتىم ئاشكارا ھالدا: «بىز خىتاي بىلەن زۆرۈر بولمىغۇچە گەپ تەگەشمەيمىز» دېگەن ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىمقى پارلامېنت قارارىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، شۇنىڭدەك خوڭكوڭ مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىزچىل ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىچكىي مەسىلە ئەمەس. ئەكسىچە دۇنياۋىي مەسىلە. شۇڭا دۇنيانىڭ بۇ ھەقتە ئەندىشە قىلىشى پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق،» دېيىلگەن.

بىز شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياپونىيەنىڭ بۇ قارارىنى ماقۇللىغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياپونىيەگە تەشەككۈر ئېيتىمىز.

Exit mobile version