
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 48-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ھەققىدە ئاخبارات باياناتى22-مارت پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 48-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئىسلامفوبىيا، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقچى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۈچىيىشى، پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق نىشانلارنى كۆزلىگەن ئاساستا قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتتۇر. مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغان مەزگىللىرىدە ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە كۆپ قېتىم چاقىرىقلارنى قىلغان ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنىدى. ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم كۈچىيىپ، ۋەھشىيلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋىيەسىگە يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋە ئەزا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پاسسىپ بولۇشى ۋە سۈكۈتتە تۇرۇشى، خىتاينىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى، شوئارى ۋە مەجبۇرىيىتى نۇقتىسىدىن زور خاتالىق ۋە ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش.بۈگۈن پاكىستانغا چېگراداش شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلماقتا. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر ۋەيران قىلىندى، قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، ئۆلىمالار تۇتقۇن قىلىندى ياكى ئۆلتۈرۈلدى، دىنىي ئىبادەتلەر چەكلەندى ۋە جىنايەت دەپ بېكىتىلدى. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئىسلام دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئىجرا قىلىندى. مەجبۇرىي ئەمگەك، مال-مۈلۈكلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى، ئاياللارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنىشى، بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقادتىن خالىي تەربىيەلىنىشى، ھەج قىلىش، مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشغالىيەتچى خىتاي تەرىپىدىن بىۋاسىتە پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىنماقتا.مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى ئالماسلىقى، ئەكسىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىنىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خاتا پوزىتسىيە ھېسابلىنىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ پاسسىپلىقى ۋە سۈكۈت قىلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلىشىغا ۋە تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىغا پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەكتە.خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بۇ قېتىملىق يىغىندا ئىسلامئابادقا ئانچە يىراق بولمىغان شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش مەسىلىسىنىمۇ جىددىي مۇزاكىرە قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستانغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشكە، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ساختىپەز تاشقى سىياسەتلىرىگە ئالدانماسلىققا ۋە ئۈنۈملۈك قارارلارنى چىقىرىشقا چاقىرىمىز.خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى