بارىن ئىنقىلابىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا شېھىتلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

-ئاپرىل، يەنى سەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلەش، شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا 700 دەك ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلارمۇ قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى، مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بارىن ئىنقىلابى ۋە بۇ ئىنقىلاب جەريانىدا شېھىت بولغان قۇربانلارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بۇنىڭدىن 32 يىل بۇرۇن بارىندا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇراللىق قوزغىلاڭغا تاييارلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىن ئىبارەت زور كۈچكە قارشى قۇراللىق ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سان ۋە قۇرال كۈچى جەھەتتىن ئۆزلىرىدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرۇدىغان خىتاي ئارمىيەسى بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانلىقى، بىر ھەپتە داۋام قىلغان قانلىق جەڭدە كۆپىنچىلىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلاردا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسىي ئاڭنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن  مۇھىم رول ئوينىغان بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەللەردىمۇ سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىدىن تەجرىبە-ساۋاق ۋە دەرس ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلدى. ئۇ، شەرقىي تۈركسىتان شېھىتلىرىنى خاتىرلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى بۈگۈنكى ياشلارغا تونۇشتۇرۇش، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە تونۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە خىتاپ قىلىپ، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساسەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن  بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي قىممىتىنى يەكۈنلەپ ئۆتتى. ئۇ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا قوزغالغان، خىتاي ئىشغالىيىتىگە ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق قۇراللىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خاتىرىلەش مۇراسىمى شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇش ۋە ئىپتار زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

Exit mobile version