پائالىيەتلەر

ئىسمائىل چاتاكلى ئىستانبۇلىدىكى ئىپتاردا   ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقانچە ئايدا گىراژدانلىقىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

23- ئاپرېل شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئىپتار» پائالىيىتىدە جەم بولدى.

ئىپتار پائالىيتىىدە سۆز قىلغان  تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە ئاي ئىچىدە تۈركىيە گىراژدانىلىقىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق مەسىلىلىرى بولسا ھەل قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

بۇ ئىپتار پائالىيىتىگە تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى، تۈركىيە كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ساۋاش ئۈنلۈ، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇرگۆكچى ئوق، كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى بايرام يالىنسۇ، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى تەتقىقاتچى ياسىن ئاكتاي، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل ئاككۆز، ئىي پارتىي ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىس ۋەكىلى تولغا تېكنىجى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، دىنى ئالىملار، زىيالىيلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ئاممسى بولۇپ 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئىپتار ۋاقتىدىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى قىلىندى، كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر ئەپەندىم، شەرقىي تۈركىستاندا 73 يىللىق مۇستەملىكە جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىنىشى، مىللىي مەدەنىيەت، قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە تارىخى ئەسەرلىرىمىزنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق داۋام قىلدى. ئەمما يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى كېسىلدى، پۇت – قوللىرى باغلاندى، پىكىر – چۈشەنچىلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە – مۇناسىۋەتلىرى چەكلەندى، مەن ۋە مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۇ يەردىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز بىلەن تېلېفوندا بولسىمۇ ئالاقە قىلالمايۋاتىمىز، مەن ئانام ۋە باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرىمنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى، قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان پۈتۈن قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ».

 ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بىر خەلقنىڭ يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل بولۇشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇزۇن يىلدىن بۇيان دەۋانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دەۋانىڭ بىر پارچىسى بولغان تۈركىيەدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە جىددىي تىرىشچانلىق قىلدۇق. ئالدىمىزدىكى ھەج مەۋسۇمى يېتىپ كەلگۈچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەيلى گىراژدانلىققا ئۆتۈش مەسىلىسى بولسۇن مەيلى باشقا قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ئەنقەرەدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى، شۇ سەۋەبتىن ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرىمۇ بۇ ئىپتار پروگراممىغا كېلىپ قاتناشتى، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى مىنىستىردىن ئاڭلايمىز».

ئىپتار پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆز – قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: « بۈگۈنكى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىم دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنى بىز ئوبدان بىلىمىز ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، شۇ نۇقتا ھەممىگە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقى قايسى تەرەپكە ئېغىر بىسشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەنىڭ ۋە ئاناتولىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇشى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سىلىشى، كۈنتەرتىپتىن چىقىرىپ تاشلىشى، باشقا  پايدا مەنپەئەتلەر ئۈچۈن زايە قىلىۋېتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىز تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەلەپلىرىنى ھەل قىلىشتا ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمەن».

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسىنى بىرقانچە ئاي ئىچىدە ھەل قىلىمىز. تۈركىيە ۋە باشقا يەرلەردە بەزى چەتئەللىك جەمئىيەتلەر ياكى شەخسلەر ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغان بىر مۇھىت يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. سىلەرگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرىمەنكى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قىيىنچىلىققا ئىتتىرىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. تۈركىيە خەلقىمۇ ئۇنداق بىر ئىشقا يول قويمايدۇ، شۇڭا سىلەر بىئارام بولماڭلار!، ئارامىڭلارنى بۇزىدىغانلارغا پۇرسەت بەرمەڭلار!، تۈركىيە سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار. تۈركىيە گىراژدانى بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭلار تۈركىيەدە بولساڭلارمۇ، قەلبىڭلار شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، ۋەتىنىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، يەنە بىرى قىممەت قاراشلىرىڭلارنى، مەدەنىيەت – ئۆرۈپ ئادىتىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار».

مەلۇم بولۇشىچە ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى  يېقىنقى ئوننەچچە يىلدا بۇرۇنقىدىن  كۆپەيگەن بولۇپ،   خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى  لاگېرلارغا سولاش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى كۈچەيگەندىن كېيىن  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنى بىلەن  بولغان ئالاقىلىرى ئۈزۈلگەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش يوللىرى قىيىنلاشقان ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى، پۇقرالىق سالاھىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنىدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم تەلەپلىرىنىڭ بىرى ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا تېزراق ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇئاۋىن مىنىستىر ئىسمائىل چاتاكلى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار سەھنىگە چىقىپ مىنىستىر ئىسمائىل چاتاكلىغا تون چاپان ۋە ئۇيغۇر چىمەن دوپپا كىيدۈردى، يىغىن ئەھلى قىزغىن ئالقىشلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button