كانادا پارلامېنتىنىڭ كۆچمەنلەر كومىتېتى قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلدى

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ گىراژدانلىق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتى 26-ئاپرېل بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشنى، ئۇلارغا پاناھلىق بېرىشتە مەۋجۇت بەلگىلىمىلەردىكى رەسمىيەتلەرنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن بېرى، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر قارارنامە ماقۇللىشىدۇر.
قارارنامىدە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشى، مۇساپىرلىققا قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىلىرىدىكى رەسمىيەتلەرنى قىسقارتىشى تەلەپ قىلىنغان.
قارارنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشتا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىش باسقۇچى ياكى 3-دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق قوغدالغۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش باسقۇچلىرىنى قىسقارتىپ، بىۋاسىتە قوبۇل قىلىشى، مۇساپىرلارغا ئالاقىدار بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر توپلاش رەسمىيەتلىرىنى كاناداغا كەلگەندىن كېيىن بېجىرىشى كېرەك ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر قارارنامىدىكى تەلەپلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما قارارنامىدە ھۆكۈمەتنىڭ 30 كۈن ئىچىدە گىراژدانلىق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىغا جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
قارارنامە گىراژدانلىق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپەر ئەزاسىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان. گارنېت گېنيۇس بۇ قارارنامىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىغان كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ 27-ئاپرېل مەزكۇر قارارنامە ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قارارنامىدە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىلىىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
گارنېت گېنيۇس مۇنداق دېدى: «بۇ قارارنامە بىر قانچە مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ بىرىنچى بولۇپ خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتا ئېتىراپ قىلدى. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇ، قارارنامىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم پارچىسى. ئۇنىڭدىن سىرت قارارنامىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ چېگرا ھالقىپ پاناھلىق جاي ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا، قارارنامىدە كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوللاپ، ئۇلار ئۇچرىغان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر چىقىش يولى تېپىشقا چاقىرىلدى. بۇ قارارنامىنىڭ كومىتېتتا بىردەك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈشتىن ۋە ئۇنى قوللاشتىن مەمنۇن بولدۇم.»
لېكىن گارنېت گېنيۇسنىڭ ئېيتىشىچە، كومىتېتى ھۆكۈمەتنىڭ 30 كۈن ئىچىدە بۇ قارارنامىگە قاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھۆكۈمەتكە قارىتا ھېچقانداق قانۇنى مەجبۇرلاش كۈچى يوق ئىكەن. گارنېت گېنيۇس: «بۇ قارارنامىنىڭ قانۇنى مەجبۇرلاش كۈچى يوق. ئۇنىڭدا پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىيەتكە ئىنكاس بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھۆكۈمەتكە بۇ سىگنالنى بېرىپ، ئۇنىڭ تەدبىر قوللىنىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىشتۇر. ئەمدى بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىش ھۆكۈمەتكە باغلىق. قارارنامىدە ھۆكۈمەتنىڭ 30 كۈن ئىچىدە كومىتېتقا جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىندى. شۇڭا، بىز ھۆكۈمەتنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى ۋە قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارارنامە كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كيۇبېك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ (Alexis Brunelle) Duceppe تەرىپىدىن سۇنۇلغان. قارارنامە 26-ئاپرېل مەزكۇر كومىتېتتا ئاۋازغا قويۇلغاندا ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دائىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە 3-دۆلەتتە بولغانلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ياكى قىيناش ۋە باشقا ناچار مۇئامىلىلەرگە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ يول خېتى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ، كاناداغا كېلىۋالغۇچە بىئومېتىرىك ئالاھىدە تەلەپلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلاردا يول خېتى گۇۋاھنامىسى بولمىسا ئاشكارىلانغان 3-دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ كاناداغا كېلىشى كاشىلىغا ئۇچرايدۇ. ئۈچىنچى، بۇ ب د ت نىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ.»
مەزكۇر قارارنامە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئۇرۇشتىن قاچقان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا قارىتا بىردەك ئالاھىدە مۇساپىرلىق ئىمتىيازى بېرىشنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن سۇنۇلغان. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كانادا سىياسىيونلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ ئىمتىيازدىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشىنى تەلەپ قىلغانىىدى. قارارنامە ئاۋازغا قويۇلغاندا پارلامېنت ئەزاسى جېنىي كۋان پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئالاھىدە مۇساپىرلىق ئىمتىيازىنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
جېنىي كۋان مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارارنامىنى قوللايمەن، بۇنىڭدا ھېچقانداق چاتاق يوق. بىراق بۇ يەردە شۇ نەرسە ئىزچىل تەكىتلىنىپ كەلدى، بۇ مېنىڭمۇ قارىشىم، ھۆكۈمەت ئالاھىدە مۇساپىرلىق تەدبىرلىرىنى توقۇنۇش ۋە زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىۋاتقان ھەرقايسى رايونلاردىكى بارلىق گۇرۇپپىلارغا ئوخشاش رەۋىشتە تەڭ تەدبىقلىشى كېرەك. بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى ئۇكرائىنالىقلار بىلەن باشقىلارغا قانداق پەرقلىق تەدبىقلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەسىلەن، بىز بۈگۈن بۇ كومىتېتتا ئافغانلارنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلەشتۇق. بۇ خاتا، بۇ ئىش بۇنداق بولماسلىقى كېرەك.»
كانادادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كاناداغا كېلىشىگە كانادانىڭ ھازىرقى مەۋجۇت بەلگىلىمىلىرى كاشىلا بولماقتىكەن. كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى 27-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ماقۇللانغان قارارنامىدە ئۇكرائىنلارغا تۇتقان سىياسەتنى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىنغان.
كانادا پارلامېنتى گىراژدانلىق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ 26-ئاپرېل ماقۇللانغان قارارىدا: «خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە 3-دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، (خىتايغا) قايتۇرۇلسا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، قىيىن-قىستاق ۋە باشقا ۋەھشىيلىكلەرگە ئۇچراش خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ، كومىتېتىمىز ھۆكۈمەتنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىدۇ» دېيىلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن