باياناتلار

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مىللىي ئامانىتىمىز!

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مىللىي ئامانىتىمىز!

نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، بۈگۈن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى شەرقىي تۈركىستان ۋە خەلقئارا خەۋەرلىرىنى تارقىتىدىغان، مۇستەقىللىق، ئىسلامىي ۋە مىللىي ئويغىنىشقا ۋەسىلە بولىدىغان سۆھبەت، دەۋەت ۋە نەسىھەت پىروگراممىلىرىنى سۇنىدىغان، خەلقىمىزنىڭ مىللىي كۈرىشىدىكى توغرا يۆلىنىشىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەڭ ساغلام، ئىشەنچلىك ۋە مەنپەئەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىغان ئۇنىۋېرسال، كۆپ تىللىق، زامانىۋىلاشقان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئايلانغانلىقىغا بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار غۇرۇر بىلەن شاھىت بولغان بولساق، دۈشمىنىمىز خىتاي غەزەپتە كۆزىتىۋاتىدۇ.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى كۈنىمىزدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جىددىي كۈنتەرتىپكە ئەكىلىشتە ۋە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى رەزىل ئويۇنلىرىنى بوزۇشتا ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلىپ كەلدى. بۇرۇندىن تارتىپ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى چەكلەش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي مەركەزلىك ھەرخىل ھۇجۇملار يۈز بېرىۋاتقان ئىدى. جۈملىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆپ قېتىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شىكايەت قىلىش ۋە تۈركىيە سوتىغا رەسمىي ئەرز قىلىش نەتىجىسىدە، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورگان تور بېتى تاقىۋېتىلگەنىدى. ھېلىمۇ ھەم بۇنىڭغا قارشى قانۇنىي جەھەتتىن تىركىشىش داۋام قىلىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە تۆھمەت قىلىپ، ئەيىبلەش باياناتى ئېلان قىلدى. ھەتتا مۇشۇ كۈنلەردىمۇ خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىستىقلالنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ شىكايەتنامە سۇنغانلىقىغا ۋاقىپ بولدۇق. ئەلۋەتتە بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ ھۇجۇملىرىغا قوشۇپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى قولچوماقچىلىرىنىڭ ۋاسىتىلىق ۋە بىۋاسىتە ھالدا، ئىستىقلالغا مەخپىي ياكى ئاشكارا شەكىلدە ئىزچىل تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇمدۇر. مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەدە ھەرخىل مەقسەتلەردە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى پىلانلىق چەكلەش، بويقۇت قىلىش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارنىڭ يۈزبېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە بەزى ئىشلارغا شاھىت بولدۇق.شەخسىم ۋە مەن تەمسىل قىلىۋاتقان ھەرىكىتىم نامىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدە مۇھىم رولغا ئىگە بولغان، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ۋە ئارقا سەھنىدىكى قەھرىمان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايغا قارشى جەڭدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتكەن ھالدا، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى ھەر ۋاقىت قوللايدىغان ۋە قوغدايدىغانلىقىمنى تەكىتلەيمەن. شۇنداقلا ھەربىر شەخس ۋە كۈچكە مىللىي كۈرىشىمىزدە تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان، دەۋايىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدىغان ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى ۋە مەنسۇپلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئەمەس كۈچەيتىشكە، يالغۇز قالدۇرۇشقا ئەمەس قوللاشقا، ھۇجۇم قىلىشقا ئەمەس قوغداشقا لايىق ئىكەنلىكىنى، ۋە بۇنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

خەلىقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى

#ئىستىقلال_تېلېۋىزىيەسى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button