ماقالىلار

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم: «ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مەقسەت قىلىدۇ»

تۈركىيە ئىسىتىراتېگىيە تەتىقىقات چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا لېكىسىيە بەرگەندىن كېيىن يىغىن ئەھلنىڭ بۇ ھەقتە سورىغا سوئاللىرىغا تەپسىلى جاۋاپ بەردى. 

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم: «ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ ئاساسى مەقسىتى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكى شۇنداقلا ئۆز خەلقىنىڭ خۇشال ياشىشىدىن ئىبارەت» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، يىغىن ئەھلىنىڭ نېمە ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ جاسۇسلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ تۇتقۇن قىلمايدۇ ياكى دۆلىتىدىن قوغلىمايدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر دۆلەتنىڭ جاسۇسى مەلۇم دۆلەتتە پاش بولۇپ قالغان تەقدىردە ئالدىراپ ئۇنى ئاشكارلىمايدۇ، بەلكى مەخپى ھالدا ئۇ جاسۇسنى كۈزىتىدۇ، كىملەر بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى، نېمە ئىزدەيدىغانلىقىنى ھەقىقى مەقستىنى بىلىشنى خالايدۇ، ياكى ئۇ خىل پاش بولۇپ قالغان جاسۇسلارنى مەخپى تۇتۇپ ئۆزلىرىگە ئىشلەشكە مەجبۇرلايدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرىنى تۇتقۇن قىلسا ياكى پاش قىلىپ قويسا، ئۇ دۆلەتمۇ قارشى تەرەپنىڭ جاسۇسلىرىنى پاش قىلىدۇ، قارشى دۆلەت قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. 

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن شۋېتسىيە ۋە گېرىمانىيە بىر قىسىم ئۇيغۇر جاسۇسلارنى خىتايغا ئىشلىدى دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىپ جازاغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگۈرۈش بولدىمۇ؟ يەنى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتتىمۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: 

ياۋروپا دۆلەتلىرى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن دۈشمەن قالمىدى دەپ ئويلىدى ۋە ئاساسى دىققىتىنى خەلقنىڭ خۇشال ۋە بەختلىك ياشىشىغا قاراتتى. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلاندىن كېيىن جاسۇس كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدى. جاسۇسلارغا سەل قارايدىغان بىر ئىشى. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ياۋروپادا تۇتۇلغان جاسۇسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تىبەت مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان دەرىجىدە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ جاسۇسلىرىنى سوتقا تارتىش ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولىدۇ. گەرچە خىتاي ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلىرى ئىكەنلىكىنى ھېچ قاچان قوبۇل قىلمايدۇ، تاشلاپ قويىدۇ. خىتاي بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئىقتىسادى، سىياسى، ئىجتىمائى جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۈستىن ئورۇندا تۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمما خىتايدىن سىياسى، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۈستىن ئورۇندا تۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ جاسۇسلىرىنى سوتقا تارتىش ئارقىلىق بىر كوزۇرنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ، بۇ جەھەتتە بولسىمۇ خىتايدىن ئۈستىن ئورۇندا تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۈچۈنچى سەۋەب بولسا، كىشىلىك ھوقۇق يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يوق، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

 

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ ئالاھىدە تەربىيىلىگەن ئۇيغۇر جاسۇسلىرى بارمۇ؟ خىتايغا مەلۇمات يەتكۈزىۋاتقان مەلۇم ئۇيغۇر جاسۇسلارنى قانداق چۈشىنىمىز؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر دۆلەت پۈتۈن ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىستىخباراتچىلىق ۋە جاسۇسلۇق قىلىدۇ. بۇ ئەسلىدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە ئەيبلىنىدىغان بىر ئىش ئەمەس. ئىجتىمائى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئەخلاق بەك مۇھىم، ئەمما دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئەخلاق بەك ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئەخلاق ئۆلچىمى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خالىغان دۆلەتكە جاسۇس ئەۋەتىدۇ. ئىككىنجى سوئالغا كەلسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ خىتاي يېتىشتۇرغان مۇتەخەسىس جاسۇسلار بار، چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر جاسۇسلارنى يېتىشتۇرىدۇ. سانى بەك كۆپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرچىنى ئۇيغۇردىن ياخشى سۆزلەيدىغان خىتاي جاسۇسلارنىمۇ يېتىشتۇرىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ سىياسى ئاڭ چۈشەنچىسىدە ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ، بىز ۋە ئۇلار دەپ ئايرىيدۇ. خىتايدا، «بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن بولمىغانلارنىڭ يۈركى بىزدىن ئەمەس» دەيدىغان سۆز بار. 

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتكەن جاسۇسلارنىڭ قايسى ساھەلەرنى مۇھىم دەپ قاراپ جاسۇسلۇق قىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:  سوغۇق ئورۇشتىن ئىلگىرى جاسۇسلار قۇرال – ياراق ساھەسىدە كۆپرەك جاسۇسلۇق قىلاتتى. يەنى زامانىۋىي قۇرال – ياراقلارنىڭ تېخنىكىلىق ياساس ئۇسۇللىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ساھەلەردە جاسۇسلۇق قىلاتتى. سوغۇق ئورۇشتىن كېيىن پەن – تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە كۆپرەك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى قىلىدۇ. ئەمما سىياسى جەھەتتە دىموكراتىيە دۆلەتلەردە ھەر نەرسە ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار ھەر نەرسىنى ئاشكارلىغانلىقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئېھتىياج قالمايدۇ. 

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

 
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close