خەۋەرلەر

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەكشۈرۈشى» نەتىجىسىز ئاياغلاشقان

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەكشۈرۈشى» نەتىجىسىز ئاياغلاشقان

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن ئۇيغۇرلار خۇشال بولغان ئىدى بىراق ئۇنىڭ زىيارىتى ئاخىرلىشىپ بەرگەن باياناتلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۈمىدسىزلەندى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى ئاياغلاشقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىشىگە يول قويمىغان، بەلكى ئۇنىڭ قولىغا «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ئۈزۈندىلىرى» نى تۇتقۇزۇپ قويغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 28 – ماي كۈنىدىكى «ئىقتىساد ۋاقتى» تورىىدىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، مىشېل باچېلېت ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ھۆكۈمەت ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ ھەمراھلىقىدا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى «تەكشۈرۈپ باھالاش زىيارىتى» ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەخسۇس تەييارلانغان بىر تۈرمە ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شەرقىي تۈركسىتاندىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىشكە ئامالسىز قالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارنىڭ VETC (كەسپي مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى) سىستېمىسىغا كىرەلمىدىم، شۇنداقتىمۇ مەن ھۆكۈمەتكە بۇ پىلاننى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل ئەدلىيەنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم».

مىشېل باچېلېت گۇاڭجۇدىكى ۋاقتىدا مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن قۇرغان VETC (كەسپي مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى) سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىكەن».

مىشېل باچېلېت يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما خىتاينىڭ بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى نامەلۇم. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. گەرچە ئۇ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق بىر ئورگاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش ۋەكىلى بولسىمۇ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىق بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغان. كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە بۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقان دىپلوماتلارمۇ مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىكى خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ياكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىدىن بىرەر قىممەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن.

«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى پولاتتەك پاكىتلار دۇنياغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاۋاتقان ئەھۋالدا، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىن قۇرۇق قول قايتىشى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ ئىشتىن ھەيران قالغانلىقى ۋە جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ قۇدرەتكە ئىگە بولغان ۋە خەلقئارا قانۇننى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايغا باش ئەگدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەم خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە نەق شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرمىدى، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ».

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «مەنچە شۇنى ئېنىق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھەقىقىي ئەھۋال كىشىلەر ئويلىغاندىن كۆپ ئېغىر، دەۋرىمىزدىكى بۇ ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ‹ئىچكى تەكشۈرۈش مەسىلىسى› دەپ قارالدى. مىشېل باچېلېت شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنى ئاقىلانە ئىش قىلغۇچىلاردەك كۆرۈپ قالدى، ئەسلىدە ئۇ مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» سىياسىتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك ئىدى» دېگەن.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – جەۋلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button